تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، مۇھىم تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرتۈش تۈرلىرىدە ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىك كېرەك

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن توڭيۈەن، جانات تولقىن): 8-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 17دە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا 23-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە ھامىلدارلارنىڭ نورمال بولغان تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرتۈشىگە قانداق كاپالەتلىك قىلىش تونۇشتۇرۇلدى.

  «يۇقۇم مەزگىلىدە، بىز ھامىلدارلار، تۇغۇتلۇق ئاياللارغا قارىتا بېكىتىلگەن يەتتە قۇتقۇزۇش-داۋالاش دوختۇرخانىسىنى جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، توردا كېسەل كۆرسىتىش، سوئالغا جاۋاب بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قانات يايدۇردۇق. ھامىلىدار بولغىنىغا 32 ھەپتە بولۇشتىن ئىلگىرى، ھامىلىدارلار ئۆيىدە يىراق مۇساپىلىك ھامىلە يۈرىكىنى كۆزىتىش ئېلىپ بارسا بولىدۇ، يىراق مۇساپىلىك ئارقا سۇپىدا تەجرىبىلىك دوختۇرلار ھەرۋاقىت ھامىلىنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىپ، جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر ئەھۋاللارغا يولۇقسا دەل ۋاقتىدا يېتەكلەيدۇ ۋە تاقابىل تۇرىدۇ. يۇقۇم مەزگىلىدە، ھامىلىدارلار ناۋادا ئالاھىدە بىئارام بولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىسە، تۇغۇت بۆلۈمى دوختۇرى بىلەن كېڭىشىپ تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرتۈش ۋاقتىنى مۇۋاپىق كەينىگە سۈرۈپ، ئۆزى ئۆيدە كۆزەتسە بولىدۇ. ھامىلىدار بولغىنىغا 36 ھەپتە بولۇشتىن ئىلگىرى، ھامىلىنىڭ ھەرىكىتى نورمال بولغان، ھېچقانداق ھامىلىدارلىق بىرلەشمە كېسەللىكى ھەم ئەگەشمە كېسەللىكى يوق ھامىلىدارلار تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرتۈشنى ئەھۋالغا قاراپ بىر قېتىم كەينىگە سۈرسە بولىدۇ.» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ ۋېي.

  جاڭ ۋېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، چوقۇم تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرتۈش قىلماقچى بولغاندا، چوقۇم ئالدىنئالا كېلىشىش، ماسكىنى توغرا تاقاپ، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى ئىشلەپ، داۋالىنىش ۋاقتىنى ئىمكانقەدەر قىسقارتىش كېرەك ئىكەن. بىرىنچى، ھامىلىدار بولغىنىغا 36 ھەپتە بولغان، ھامىلىدارلىق بىرلەشمە كېسەللىكى، ئەگەشمە كېسەللىكى بارلار دوختۇر كۆرسەتكەن ۋاقىت بويىچە دوختۇرخانىغا بېرىپ تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرتۈشنى تاماملىشى كېرەك. ئىككىنچى، ھامىلىدارلىق بىرلەشمە كېسەللىكى، ئەگەشمە كېسەللىكى بار ھامىلىدارلار ھەرقانداق ھامىلىدارلىق دەۋرىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ناۋادا باش ئاغرىش، نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمەسلىك، قۇسۇش قاتارلىق بىئارام بولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىشى كېرەك. ئۈچىنچى، ناۋادا ھامىلىدارلاردا جىنسىي يول قاناش، جىنسىي يولدىن سۇ كېلىش، قورساق مۇجۇپ ئاغرىش، ھامىلە ھەرىكىتى بىنورمال بولۇش، تۇغۇتى يېقىنلاپ قالغانلىق ئالامىتى قاتارلىق تۇغۇت بۆلۈمى ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك. تۆتىنچى، مۇھىم تەكشۈرۈشلەردە ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىك كېرەك، مەسىلەن: ھامىلىدارلىقنىڭ 11-ھەپتىسىدىن 13-ھەپتىسىگىچە قوشۇلغان ئالتە كۈندە NT (ھامىلىنىڭ بويۇن قىسمىدىكى يېرىم سۈزۈك توقۇلمىنىڭ قېلىنلىقى)نى تەكشۈرتۈش، 22-ھەپتىسىدىن 24-ھەپتىسىگىچە ھامىلىدىكى غەيرىيلىكنى B چاۋدا ئىلغاپ تەكشۈرتۈش، 24-ھەپتىسىدىن 28-ھەپتىسىگىچە تاڭنەي مىقدارىنى تەكشۈرتۈش.

  بۇنىڭدىن باشقا يۇقۇم مەزگىلىدە، ھامىلىدارلار دوختۇرخانىغا بېرىپ تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرتۈش قىلغاندا، تۆۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك: بىرىنچى، تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرتۈشتىن ئىلگىرى چوقۇم تور، تېلېفون، ۋېيشىن قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئالدىن كېلىشىپ نومۇر ئېلىپ، ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، دوختۇرخانىدا دىياگنوز قويۇشنى ساقلاش ۋە دىياگنوز قويۇپ داۋالاش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، دوختۇرخانىدىكى پائالىيىتىنى ئازايتىش؛ دوختۇرخانىغا كەلگەندە دوختۇرخانىغا كېلىشتىن ئىلگىرى تەكشۈرۈشكە ئالدىن كېلىشكەن بويىچە ئايرىپ تەكشۈرۈشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، تۇرۇش ئادرېسى ۋە يېقىنقى مەزگىلدىكى يېقىندىن ئۇچرىشىش تارىخى بار-يوقلۇقىنى، يېقىنقى يەتتە كۈن ئىچىدىكى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرتكەن-تەكشۈرتمىگەنلىكى ۋە تەكشۈرۈش دوكلاتى، قىزىش، ماغدۇرسىزلىنىش، يۆتىلىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ بار-يوقلۇقىنى مەلۇم قىلىپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىش.

  ئىككىنچى، ھامىلىدارلار دوختۇرخانىغا تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرتۈشكە بارغاندا، چوقۇم شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى قىلىپ، ماسكا، كۆزەينەك قاتارلىق مۇداپىئە بۇيۇملىرىنى تاقىشى كېرەك، يېنىدا يۇيۇۋېتىش ھاجەتسىز قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ياكى دېزىنفېكسىيە ھۆل قەغىزى ئېلىۋېلىش، تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرتۈشتە ھەمراھ بولغۇچىلارمۇ بېرىش زۆرۈر بولسا، ھەمراھ بولغۇچىلارمۇ ئوخشاشلا تۈرلۈك مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ياخشى قىلىشى كېرەك.

  ئۈچىنچى، ئالدىنئالا مەھەللە كادىرلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش، مەخسۇس ئاپتوموبىل ئالدىن كېلىشكەن دوختۇرخانىغا تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرتۈشكە ئاپىرىش، تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرتۈش ئاخىرلاشقاندا، بەلگىلەنگەن ئاپتوموبىل ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇش كېرەك.

  تۆتىنچى، دوختۇرخانىدىن ئۆيگە قايتقاندا، ئىككى قول ۋە يۈزىنى پاكىز يۇيۇۋېتىش، قولنى يۇيغاندا سوپۇن ياكى قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن يۇيۇش، ئەڭ ئاز بولغاندا 20 سېكۇنت ئۇۋۇلاپ، سۇ چۈشۈرۈپ چايقىۋېتىش؛ يۈز يۇيۇش قۇلاق، بۇرۇننى پاكىزلاشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇۋېتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى