تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى پوچتىسى: 8-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشنامىسى يەتكۈزۈلىدۇ، مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرى ياكى پىدائىيلار يەتكۈزۈپ بېرىدۇ

   تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن): 8-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 17دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا 23-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
    جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى شۆبە شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى خۇاڭ يەنپىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشنامىسى يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش، پوچتا يوللانمىلىرىنى بىخەتەر ۋە دەل جايىدا يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت «ئىككى تۆۋەن چەك»نى پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، بىز مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت پوچتا ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار تەلىپىگە ئاساسەن، «يېشىل يول» ئېچىپ، مەخسۇس ئادەم بىر تەرەپ قىلىش، ئايرىم بىر تەرەپ قىلىش، ئالدىن بىر تەرەپ قىلىش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نازارەت قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ھەر بىر پارچە قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشنامىسىنىڭ بىخەتەر، دەل ۋاقتىدا، توغرا يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز.»
    نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشنامىسىنى يەتكۈزۈش خىزمىتى ئىشلىنىۋاتىدۇ، ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشنامىسىنى يەتكۈزۈش خىزمىتى 8-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك باشلىنىدۇ.
    جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى شۆبە شىركىتى ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشنامىسىنى يەتكۈزۈشكە قارىتا « خاتا يەتكۈزۈشنى نۆللەشتۈرۈش، يىتتۈرۈپ قويۇشنى نۆللەشتۈرۈش» تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەربىيەلەش جايىدا بولۇش، نازارەت قىلىش جايىدا بولۇش، تەكشۈرۈش جايىدا بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پوچتا يوللانمىلىرىدىن ھېچقانداق چاتاق چىقماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
    بىرىنچىدىن، يەتكۈزۈلىدىغان يوللانمىلارغا قارىتىلغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش ۋە پوچتا يوللانمىلىرىنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئورۇنلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەسلىھەلىرىنى سەپلەيدۇ، يەتكۈزۈش خادىملىرى پۈتۈن مۇساپىدە ماسكا تاقاپ، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەيدۇ؛ بارلىق پوچتا يوللانمىلىرىنى ئۇلترا بىنەپشە نۇرىدا دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈلىدۇ، پوچتا يوللانمىلىرىنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللار ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم دېزىنفېكسىيە قىلىنىدۇ، نۇقتىلىق رايونلاردىكى يەتكۈزۈش خادىملىرىدىن مۇداپىئە كىيىمى كىيىش، مۇداپىئە كۆز ئەينىكى تاقاش تەلەپ قىلىنىدۇ.
    ئىككىنچىدىن، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش دەل جايىدا بولۇشى، پۈتۈن مۇساپىلىك باشقۇرۇش-كونترول قىلىش جايىدا بولۇشى كېرەك. ئىشتىن بۇرۇن تەربىيەلەش يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشنامىسى ئايرىم  يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ، تاپشۇرۇۋالغانلىقى تىزىملىنىدۇ ھەمدە بىرمۇبىر سېلىشتۇرۇلىدۇ. دەل جايىدا يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشنامىسىنى يەتكۈزۈش تەرتىپى چىڭىتىلىپ، پوچتاليون چوقۇم مۇددەتتىن بۇرۇن تاپشۇرۇۋالغۇچىلار بىلەن تېلېفوندا ئالاقىلىشىپ، يوللانما تاپشۇرۇۋالغۇچى تۇرۇشلۇق مەھەللە بىلەن ۋاقتىدا ئۇدۇللاشتۇرىدۇ، مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرى ياكى پىدائىيلار يوللانمىنى يەتكۈزۈپ بېرىشنى ئۈستىگە ئالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ياخشى خاتىرىلەپ، ۋاقتىدا زىيارەت قىلىپ، يەتكۈزۈش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشنامىسىنىڭ يىتىپ كېتىشى، پېچىتىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشى قەتئىي تۈگىتىلىدۇ.
    ئۈچىنچىدىن، سىستېمىلىق نازارەت قىلىپ تىزگىنلەپ، يەتكۈزۈش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋاسىتىسىدىن تولۇق پايدىلىنىلىپ، سىستېما سۇپىسى ئارقىلىق ھەر كۈنى ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشنامىسىنىڭ يەتكۈزۈلۈش ئەھۋالى نازارەت قىلىنىپ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ، پۈتۈن مۇساپىلىك تاپشۇرۇۋېلىش ۋە تارقىتىش ئەھۋالى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈلۈپ، ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشنامىسىنى يەتكۈزۈپ بېرىش ئۇچۇر سۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىنىدۇ. يەتكۈزۈلگەن قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى رەسىمگە تارتىپ يوللىنىپ، قايتا يەتكۈزۈش، ئىدارىدە ساقلاش، يۆتكەپ قايتۇرۇش زۆرۈر بولغان پوچتا يوللانمىلىرى بىرمۇبىر تەكشۈرۈلۈپ، قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى ئەۋەتىش تالونى، قول قويۇپ تاپشۇرۇۋېلىش ھۆججىتى قاتارلىق كەسپىي ماتېرىياللارنى ئارخىپتا ساقلاپ باشقۇرۇش ياخشى ئىشلىنىدۇ، ئالاقىدار ماتېرىيال ۋە ئۇچۇرلار ياخشى ساقلاپ باشقۇرۇلىدۇ، ساقلاش مۇددىتى ئۈچ يىلدىن كەم بولمايدۇ.
    «بارلىق ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلە باشلىقلىرى خاتىرجەم بولۇڭلار، بىز قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشنامىسىنى چوقۇم بىخەتەر، ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىمىز.» دېدى خۇاڭ يەنپىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى