تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەتئىي تۈردە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى تور خەۋەرلىشىشى ۋە پوچتا مۇلازىمىتىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

قەتئىي تۈردە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى تور خەۋەرلىشىشى ۋە پوچتا مۇلازىمىتىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېي خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە تور خەۋەرلىشىشى ۋە پوچتا مۇلازىمىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تور خەۋەرلىشىشى ۋە پوچتا مۇلازىمىتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مۇھىم تىرەك، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، تور خەۋەرلىشىشى ۋە پوچتا يوللانمىلىرىنىڭ راۋانلىقىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك تىرەك ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

خەۋەرلىشىشنى كاپالەتلەندۈرۈش قوماندانلىق ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزىدە، شۆھرەت زاكىر ئورۇننىڭ يېپىق ھالەتتىكى يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەم تور خەۋەرلىشىش كەسپىدىكى خىزمەتچىلەردىن ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تور خەۋەرلىشىشى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇچۇرغا ئېرىشىشى، جەمئىيەت ئالاقىسىدىكى مۇھىم يول ھەم تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈش، يۇقۇمنىڭ دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم ئۇچۇر ۋاسىتىسى. تور خەۋەرلىشىش تارماقلىرى دەل جايىدا كۈچەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسىنىڭ ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇم ئەھۋالىنى كۆزىتىش - ئۆلچەش، تەھلىل قىلىش، ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، قۇتقۇزۇش - داۋالاش، بايلىق مەنبەسىنى تەڭشەپ تەقسىملەش قاتارلىق جەھەتلەردە تىرەكلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. يۇقۇم مەزگىلىدىكى ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىشنى كۈچەيتىپ، نوپۇزلۇق ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئاشكارا، ئوچۇق ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك. ئەلا سۈپەتلىك تور پىروگراممىلىرى بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئائىلىدە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇۋاتقان ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك.

جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى پوچتا رايونى مەركىزىي ئىدارىسى ئاساسلىقى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلى، مەخپىي خەۋەرلىشىش، تېز يوللانمىلارنى ئىچكى قىسىمدا بىر تەرەپ قىلىش ۋە توشۇش، يەتكۈزۈش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان. شۆھرەت زاكىر يۇقۇم مەزگىلىدىكى باشقۇرۇش، يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىغاندىن كېيىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پوچتا مۇلازىمىتى ماددىي ئەشيالارنى توشۇش، تەقسىملەپ يەتكۈزۈشتىكى مۇھىم يول، پوچتا تارماقلىرى پوچتا يوللانمىلىرىنى ئىلمىي دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي پوچتا يوللانمىلىرىنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، يۇقۇم مەزگىلىدە مۇلازىمەتنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا، سۈپەتنىڭ تۆۋەنلەپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەرقايسى جايلار پوچتا تارماقلىرىنىڭ كەسپىي خىزمەتنى قانات يايدۇرۇشىنى كۈچلۈك قوللاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش شارائىتىدا يوللانما يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى ياخشىلاپ، پوچتا يولىنىڭ راۋان بولۇشى، يەتكۈزۈشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چۇڭجيۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا ھەمراھ بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ