تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

زاكازلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كارخانىنىڭ جىددىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى

شىنجاڭ كوئېنلۇن لۈيۈەن شىركىتىنىڭ مەبلىغى بار بولدى

زاكازلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كارخانىنىڭ جىددىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېي

شىنجاڭ كوئېنلۇن لۈيۈەن يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا تەرەققىيات(گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى گۇما ناھىيەسىدىكى توشقان بېقىش بازىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئاپئاق توشقانلار ناھايىتى ئوماق ئىدى. 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، توشقان بېقىش بازىسى ئىچىدىكى كۆز يەتكۈسىز توشقان قەپەسلىرىگە قاراپ، شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى فېڭ جيەنشىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ھېلىمۇ ياخشى زاكازلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنىڭ قوللىشى بولغاچقا، جىددىي قىيىنچىلىقىمىز ھەل بولۇپ، يەم - خەشەك تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلالىدۇق».

2017 - يىلى قۇرۇلغان كوئېنلۇن لۈيۈەن شىركىتى توشقان، غاز، ئېشەك، قوي بېقىش، سويۇش، پىششىقلاش، سېتىش ۋە تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى بىر گەۋدە قىلغان ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نامراتلارنى يۆلەشتىكى باشلامچى كارخانا. بۇ يىلدىن بۇيان، يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە مەبلەغ بىرمەھەل جىددىي بولدى.

«توشۇش راۋان بولمىغاچقا، مەھسۇلاتنىڭ ئامباردا بېسىلىپ قېلىش ئەھۋالى ئېغىر بولدى، يەم - خەشەكنى يۆتكەپ توشۇشتا قىينالدۇق، بۇنىڭغا توشۇش ھەققى ۋە ئادەم كۈچى تەننەرخى قوشۇلۇپ، بىر ئايدا بىز تەخمىنەن 40 مىليون يۈەن مەبلەغقە ئېھتىياجلىق بولدۇق، لېكىن قايتما مەبلىغىمىز بۇ ساندىن خېلىلا تۆۋەن. يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، كېيىنكى ئىنچىكە پىششىقلاش ھالقىلىرى ۋاقتىدا يېتىشىپ ماڭالمىدى، بۇنىڭ بىلەن سېتىشىمىز تېخىمۇ قىيىنلاشتى» دېدى فېڭ جيەنشىن.

دەرھال مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ، يەم - خەشەكنى يۆتكەپ توشۇش كارخانىنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي قىيىنچىلىقى بولۇپ قالدى. ھالبۇكى كوئېنلۇن لۈيۈەننىڭ كەسىپ زەنجىرى ئۇزۇن، سالغان مەبلىغى كۆپ بولغاچقا، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتە رەنە بۇيۇمى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى. جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى خوتەن شۆبە بانكىسى بۇ شىركەتنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، پىكىر يولىدا يېڭىلىق يارىتىپ، زاكازلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، كارخانىغا 160 مىليون يۈەن قەرز پۇل بەردى. «ھېلىمۇ ياخشى بىز ئۇزاقتىن بۇيان توپلىغان خېرىدارلارنىڭ نۇرغۇن زاكازى بار ئىدى، بىز زاكازلارنى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسىغا رەنىگە قويۇپ، مەبلەغقە ئېرىشىپ، جىددىي قىيىنچىلىقىمىزنى ھەل قىلدۇق» دېدى فېڭ جيەنشىن.

يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسىنىڭ قەرز پۇل جەھەتتىن قوللىشى بىلەن، كوئېنلۇن لۈيۈەن كەسىپنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى. فېڭ جيەنشىن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ مەبلەغدىن پايدىلىنىپ، كارخانىمىز يەم - خەشەك، ئېشەك سۈتىنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى، سوغۇق زەنجىرى توشۇش ئاپتوموبىلى ۋە غاز چۈجىسى، بۆجەن تارقىتىش - توشۇش ئاپتوموبىلى سېتىۋېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلىرى ھەم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىپ، كەسىپ تەتقىقات تۈرىنى قوزغاتتى، ئىشچىلارنىڭ مائاشىنى تارقاتتى.

بۈگۈنكى كۈندە، بۇ شىركەتنىڭ باقمىچىلىق كۆلىمى 2 مىليون دانە توشقان، 2 مىليون 400 مىڭ دانە غاز، 6000 تۇياق ئېشەك، 20 مىڭ تۇياق قويغا يەتتى. «كېيىنكى قەدەمدە، كارخانىمىز باقمىچىلىق كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئىستىراھەت يېمەكلىكلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش كەسىپ زەنجىرىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، شىركەتنى بالدۇرراق 1 -، 2 -، 3 - كەسىپ يۇغۇرما تەرەققىي قىلىدىغان كارخانا قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىمىز» دېدى فېڭ جيەنشىن.

[سىياسەت] بۇ يىلدىن بۇيان، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى كەسكىن ۋەزىيەت ئالدىدا، خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش مەخسۇس تەكرار قەرز پۇلى، تەكرار دىسكونت، ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ئىناۋەتلىك قەرز پۇل بىلەن قوللاش پىلانى قاتارلىق كۆپ خىل پۇل سىياسىتى قورالىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەش سالمىقىنى زورايتىپ، بانكا كەسپىنى قەرز پۇل تارقىتىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىشقا يېتەكلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تولۇق مەبلەغ كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

[ ئەمەلىيلەشتۈرۈش] 6 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تۈرلۈك قەرز پۇل قالدۇقى 2 تىرىليون 190 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.8 ئاشتى. يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىشتىكى ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالدىنقى ئالتە ئايدا جەمئىي 49 مىليارد 623 مىليون يۈەن تۈرلۈك قەرز پۇل تارقاتتى، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %123.5 ئېشىپ، تارقىتىلغان سومما پۈتۈن سىستېما بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئەمەلىي ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى دەل جايىدا پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

زاكازلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى 2018 - يىلى 5 - ئايدا ئوتتۇرىغا چىقارغان بىر خىل يېڭى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسى بولۇپ، 6 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە جەمئىي 738 مىليون يۈەن قەرز پۇل تارقاتتى. «ئىلگىرى رەنىلىك قەرز پۇل ئېلىش ئۈچۈن، يېتەرلىك رەنە بۇيۇمى بولۇشى كېرەك ئىدى. لېكىن نۇرغۇن كارخانا، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ رەنە بۇيۇمى يېتىشمەيتتى، ھەتتا قويغۇدەك رەنە بۇيۇمىمۇ يوق ئىدى. زاكازلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتە، كارخانىلارنىڭ زاكازى بولسىلا مەبلەغ يۈرۈشتۈرەلەيدۇ، قەرز بېرىش سۈرئىتى تېز، رەسمىيىتىمۇ ئاددىي، بۇ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئالاھىدىلىكى ۋە ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئىنتايىن ماس كېلىدىغان مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش شەكلى» دېدى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى دۇ يەنكۇن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى