تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىقلار ۋە تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار جەمئىي 200دىن ئاشتى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە يەنە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان 30 ئاغرىق ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىن خەۋەر قىلىدۇ: گوۋۇيۈەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇپ باھالىشى ئارقىلىق، 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يەنە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان 30 ئاغرىق دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىپ، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن تۆت يۇقۇملانغۇچىنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى. 7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى بۇ قېتىمقى يۇقۇمدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى ئاغرىقلار دوختۇرخانىدىن چىققاندىن تارتىپ 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنىگىچە، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 138، تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 71 بولۇپ، جەمئىي 209 بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى لۇ چېن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان، 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنىگىچە، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ۋە تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئومۇمىي سانى 200دىن ئاشتى، بۇ، گوۋۇيۈەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە بارلىق دوختۇر - سېسترالارنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇشى - داۋالىشى بىلەن، بىزنىڭ نۆۋەتتىكى دىياگنوز قويۇش - داۋالاش يولىمىز ۋە لايىھەمىزنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكى، ئارىلىشىش تەدبىرلىرىنىڭمۇ ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرىدۇ. ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانىنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىشى بارلىق دوختۇر - سېسترالار، ھەم شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يۇقۇمغا قارشى جەڭ قىلىش ئىشەنچىنى ئۇرغۇتتى، بىز داۋاملىق تىرىشىپ، دىياگنوز قويۇش - داۋالاش لايىھەسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، كۆڭۈل قويۇپ داۋالاپ، ھەربىر ئاغرىقنى كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىپ، داۋالاپ ساقىيىش نىسبىتى، دوختۇرخانىدىن چىقىش نىسبىتىنى سىجىل ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ