تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا 8 مىليارد 880 مىليون يۈەن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ياردەم پۇلى ئاجراتتى

بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14 ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى لىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا 8 مىليارد 880 مىليون يۈەن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ياردەم پۇلى ئاجراتقان بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 1 مىليارد 40 مىليون يۈەن ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى %14كە يەتكەن. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شەھەر - يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەتلىك، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار، يېتىم بالىلار قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىغا 4 مىليارد 100 مىليون يۈەن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ياردەم پۇلى تارقىتىپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا 7 مىليون 390 مىڭ ئادەم قېتىم نەپ يەتكۈزۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلغان.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە قۇتقۇزۇلىدىغان - ياردەم بېرىلىدىغان كىشىلەر توپى كەڭ بولۇش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئېھتىياجى جىددىي بولۇش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئەھۋالى مۇرەككەپ بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارغا قارىتا، ئاپتونوم رايونىمىز ۋاقتىدا سىياسەت چىقىرىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى تۆۋەن كاپالەت، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار، ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، «يەككە نوپۇس» «تەدرىجىي چېكىندۈرۈش مۇددىتى» «ئالدىن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش» «باھا ياردەم تولۇقلىمىسى» قاتارلىق بىر قاتار سىياسەت، تەدبىرلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى «تولۇق» كاپالەتلەندۈرۈپ، ئاساسىي تۇرمۇشىغا «كاپالەتلىك» قىلىپ، تىرىشىپ يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈردى.

ئاپتونوم رايونىمىز ھەرقايسى جايلاردىن يۇقۇم مەزگىلىدە شەھەر - يېزىلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت پۇلى، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى بېقىش پۇلى، يېتىم بالىلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش پۇلى ھەم قىيىنچىلىقى بار مېيىپلەر تۇرمۇش ياردەم تولۇقلىما پۇلى ۋە ئېغىر مېيىپلەر پەرۋىش ياردەم تولۇقلىمىسىنى جەزمەن ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىشنى تەلەپ قىلدى. 7 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، يېڭىدىن يۈزبەرگەن يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى ھەرقايسى جايلارغا 7 -، 8 - ئايلىق شەھەر - يېزىلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ۋە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى بېقىش پۇلىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تارقىتىشنى ئورۇنلاشتۇردى.

يۇقۇمنىڭ تەسىرى ۋە مال باھاسىنىڭ ئۆرلەش ئەمەلىيىتىگە قارىتا، ئاپتونوم رايونىمىز جەمئىيەت قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ۋە كاپالەت ئۆلچىمى بىلەن مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى باغلاش بىرلەشمە ھەرىكەت مېخانىزمىنى ۋاقتىدا قوزغىتىپ يولغا قويۇپ، جەمئىي 63 مىليون 762 مىڭ يۈەن باھا ۋاقىتلىق ياردەم تولۇقلىمىسى تارقاتتى، بۇنىڭ ئىچىدە 3 - ئايدىن 6 - ئايغىچە بولغان باھا ۋاقىتلىق ياردەم تولۇقلىمىسى ئۆلچىمىنى يەنە بىر ھەسسە ئۆستۈردى ھەم تۇنجى قېتىم يېتىم بالىلارنى ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، تۆۋەن كاپالەتلىك، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار، يېتىم بالىلار قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا 4 مىليون 467 مىڭ ئادەم قېتىم نەپ يەتكۈزۈپ، مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنىڭ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كەلتۈرگەن پايدىسىز تەسىرىنى ئۈنۈملۈك تۈگەتتى.

خەلق ئىشلىرى بويىچە تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ئوبيېكتلىرىنى ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشتىن سىرت، ئاپتونوم رايونىمىز قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنى يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئاساسىي تۇرمۇشىدا قىيىنچىلىق كۆرۈلگەن ئاممىغىچە كېڭەيتتى. يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئىش ئورنىغا قايتىشقا، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئامالسىز قالغان، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار ھەم سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان ئىشسىزلارغا بىر قېتىملىق ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش پۇلى تارقىتىپ بەردى. يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە ئامالسىز قالغان، كىرىمى يوق، تۇرمۇش مەنبەسى يوق، ئاساسىي تۇرمۇشى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان شەھەر - بازارلاردىكى يەرلىك نوپۇستىكى ئائىلىلەرنى ۋاقتىدا ۋاقىتلىق تۆۋەن كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ھەربىر ئادەمگە ھەر ئايدا 450 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە ياردەم پۇلى بەردى. يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، ۋاقىتلىق تۆۋەن كاپالەتنى يولغا قويۇپ، جەمئىي 38 مىڭ ئائىلىگە 100 مىڭ ئادەم قېتىم قۇتقۇزۇپ - ياردەم بېرىپ، 44 مىليون 840 مىڭ يۈەن مەبلەغ تارقاتتى.

قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ يۇقۇم سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان تاسادىپىي، ۋاقىتلىق تۇرمۇش قىيىنچىلىقلىرىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر ئارىلىشىش، بالدۇر قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك تېگى - تەكتىنى ئېنىقلاپ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تەستىقلاش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرمۇشتا قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئائىلە ۋە شەخسلەرنى (نوپۇسى شۇ جايدا بولمىغان كىشىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش دائىرىسىگە ۋاقتىدا كىرگۈزۈپ، ئىلگىرى پەقەت نوپۇستىكى ئاھالىلەرگىلا ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇرىدىغان توسۇقنى بۇزۇپ تاشلىدى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 1 - ئايدىن 7 - ئايغىچە جەمئىي 390 مىليون يۈەن ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش مەبلىغى تارقىتىلدى، 1 مىليون 380 مىڭ ئادەم قېتىمغا ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قانات يايدۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى