تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش زور ئىش جەزمەن ئىنچىكە ئىشلەش كېرەك

جاڭ بېي

ھازىر، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى تىركىشىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ۋەزىيەت يەنىلا كەسكىن، ۋەزىپە ئىنتايىن مۈشكۈل. قانچىكى ئەڭ كۈچەيدىغان ۋاقىتقا كەلگەنسېرى، چىشنى شۇنچە چىڭ چىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدىكى ۋەزىپىلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش زور ئىش، جەزمەن ئىنچىكە ئىشلەش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھازىرقى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە ۋە ئەڭ مۇھىم خىزمەت، ھەرقانداق بىر ھالقىدا سەللا بىخەستەلىك قىلىنسا ۋە چاتاق چىقسا، توسما چۈمۈلە ئۇۋىسى سەۋەبلىك بۇزۇلغاندەك، يىڭنىدەك تۆشۈكتىنمۇ يەل قاچقاندەك ھالەت كېلىپ چىقىشى مۇمكىن، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، تۈرلۈك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرى جەزمەن يەنىمۇ قاتتىق، يەنىمۇ ئىنچىكە بولۇشى كېرەك.

يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئۈچۈن غايەت زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. ھايات - ماماتلىق جەڭدە جەزمەن غەلىبە قىلىش كېرەك. ئاچقۇچلۇق پەيتتە تەدبىرلەرنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ چىڭىتىش كېرەك، «تۆت بالدۇر» تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش، مەھەللىلەر دائىرىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش، ئاغرىقلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش - داۋالاش قاتارلىق ھەربىر ھالقا، ھەربىر ئۇششاق تەپسىلاتلارنى زېرىكمەي - تېرىكمەي، تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا ئىنتىلىپ، سەپ تارتىپ تەييار تۇرۇپ، قاتتىق مۇداپىئە كۆرگەندىلا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە قاراڭغۇ رايون قالدۇرماسلىق، قاراڭغۇ بۇلۇڭ قالدۇرماسلىق، يوچۇق قالدۇرماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرغىلى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە ئاسماندىكى تورنى زىچ توقۇغۇلى، يەردىكى قاپقاننى پۇختا قۇرغىلى، بۇ مەيدان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ياخشى قوغدىغىلى بولىدۇ.

(«سۆز ھەممىگە» ئىستونىغا ماقالە ئەۋەتىش خەت ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى