تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپىسى بىلەن بىللە پىدائىي بولۇش

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى، خەۋىرى

8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، مۇقەددەس ئەلى(سولدا) مەھەللە كادىرلىرى بىلەن بىللە ئاھالىلەرنىڭ ئەخلەتلىرىنى تۆكۈشىگە ياردەملەشمەكتە.

تەرلەپ چاچلىرى ھۆل بولۇپ كەتكەن مۇقەددەس ئەلى.

مەريەمگۈل ئابدۇرۇسۇل (ئوڭدا) قىزىنىڭ مۇداپىئەلىنىش بۇيۇملىرىنى كىيىشىگە ياردەملەشمەكتە.

«جاڭ ھەدە، كۆكتاتلىرىڭىز تەييار بولدى، مەن ھازىرلا سىزگە يەتكۈزۈپ بېرىمەن.» 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، مۇقەددەس ئەلى بىر تەرەپتىن كۆكتاتلارنى تاللاپ، بىر تەرەپتىن تېلېفون قىلدى.

مۇقەددەس ئەلى ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى چاڭجياڭ يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى لېڭكۇ مەھەللىسى چىتەي يولى 543 - نومۇرلۇق قورۇدا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالە، ئۇ بۇ مەھەللىدىكى يېشى ئەڭ كىچىك پىدائىي بولۇپ، ئەمدىلا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن.

«ئۈرۈمچىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يېڭىدىن يۈزبەرگەندىن كېيىن، مەن ئاپام بىلەن بىللە مەھەللە پىدائىيسى بولۇشقا تىزىملىتىپ، ئولتۇراق رايوندىكى ياردەمگە موھتاج ئاھالىلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدىم.» مۇقەددەس مۇنداق دېدى: ئولتۇراق رايونىمىزدا يەنە نۇرغۇن «2000 - يىللاردا تۇغۇلغان» پىدائىيلار بار، گەرچە چوڭلارنىڭ نەزەرىدە بىز يەنىلا بالا بولساقمۇ، لېكىن يۇقۇم ئالدىدا، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق شۇنى ئىسپاتلايمىزكى: «2000 - يىللاردا تۇغۇلغانلار» سەپتىن چىقتى!

پىدائىي بولغاندىن كېيىن، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش، دورا سېتىۋېلىش، دېزىنفېكىسيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش قاتارلىقلار مۇقەددەسنىڭ تۇرمۇشىدىكى كۈندىلىك ئىشقا ئايلاندى. «ئۇنىڭ يېشىنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماڭ، ئاھالىلەر ئېھتىياجلىق بولسىلا، ئۇ قاچان چاقىرسا شۇ ھامان يېتىپ بارىدۇ، كۈنبويى ئىشلەپ كىيىملىرى ھۆل بولۇپ كېتىدۇ، لېكىن ئەزەلدىن ۋايسىمايدۇ» دېدى ئاھالە چۈ يوۋخۇەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى