تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالاھىدە كۆيۈنۈش ئۈزۈلمىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاۋ چۇنخۇا، يۈ شى، ۋېي خۇڭپىڭ، جاۋ يۆ

ھازىرقى يۇقۇمدا، كەڭ مەھەللە خىزمەتچىلىرى، پىدائىيلار قارىغۇچىسى يوق ياشانغانلار، ھامىلىدارلار، تۇغۇتلۇق ئاياللار، مېيىپلەر قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىنى بىرگەبىر دەل جايىدىكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلار ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.

«تومۇز ئىسسىقتا، سىلەر يەنە مەندەك بىر موماي ئۈچۈن پايپېتەك بولدۇڭلار!» دېدى 8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايونى دوستلۇق جەنۇبىي يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى نۇرباغ رەڭلىك مېتال مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى سۈي رۇشيۇ مەھەللە خىزمەتچىسى لى شياڭيۈ ئەكېلىپ بەرگەن يېڭى مېۋە ۋە كۆكتاتلارنى تاپشۇرۇۋېلىپ مىننەتدارلىق بىلەن.

96 ياشلىق سۈي رۇشيۇ يالغۇز تۇرۇۋاتقان موماي ئىدى. ۋىيشىن ئىشلىتىشنى بىلمىگەنلىكتىن، كۆكتات، سۇ، توك سېتىۋېلىش قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر ئەسلىدىنلا ھەرىكىتى قولايسىز سۈي رۇشيۇنىڭ بېشىنى قاتۇرغانىدى. ئەمما مەھەللە خىزمەتچىلىرى ھەر كۈنى ئۇنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى سوراپ، ئۇنى خاتىرجەم قىلدى.

سۈي رۇشيۇنىڭ ياشانغانلار خاراكتېرلىك قەۋزىيەت كېسىلى بارلىقىنى بىلىپ، ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئالغان كادىرلار ۋە پىدائىيلار دائىم ئۇنىڭغا تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇشقا پايدىلىق مېۋە، كۆكتاتلارنى ئېلىپ بەردى. موماينىڭ ئۆيدە يالغۇز تۇرغاندىكى تەشۋىشلىنىش كەيپىياتىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئالغان كادىرلار ۋە پىدائىيلار ھەر كۈنى ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ تۇردى.

«مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە پىدائىيلارنىڭ سەمىمىي مۇلازىمىتىدىن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، كۆيۈنۈشىنى چىن قەلبىمدىن ھېس قىلدىم. يۇقۇمنىڭ تېزرەك ئۆتۈپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئۇلار بەك جاپا تارتتى» دېدى سۈي رۇشيۇ ھاياجانلانغان ھالدا.

«ھامىلىدار بولغىنىمغا 12 ھەپتە بولاي دەپ قالدى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ماڭا ياردەملىشىپ دوختۇرخانا ھەمدە كېيىنكى ئىشلارنى ئالاقىلىشىپ بەردى، كېلەر ھەپتىلا ھامىلىنى تەكشۈرتۈشكە بارالايدىغان بولدۇم.» 8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى نەنخۇ جەنۇبىي يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى نەنخۇ جەنۇبىي يولى غەربىي مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى جېڭ فېي مۇنداق دېدى: ئالدىراشلىق ئىچىدە باشقا ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلغاندىن سىرت، مەھەللە خىزمەتچىلىرى يەنە ماڭا ئوخشاش ھامىلىدارلار، تۇغۇتلۇق ئاياللارغا ئالاھىدە كۆيۈندى.

جېڭ فېينىڭ ئېرى ئۆيدە ئەمەس ئىدى، ئائىلىدە چوڭ - كىچىك قىيىن ئىشلارغا يولۇققاندا، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ھەمىشە بىرىنچى ۋاقىتتا ئۇنىڭ يېنىدا پەيدا بولاتتى. 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، جېڭ فېينىڭ ئۆيىدىكى ئەۋرەز يولى توسۇلۇپ قالدى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە بۇ مەھەللىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى بىرىنچى ۋاقىتتا يېتىپ كېلىپ، كەسپىي راۋانلاشتۇرۇش خادىمىنى تېپىپ، مەسىلىنى ناھايىتى تېزلا ھەل قىلدى.

«ياخشى تاماق يېيەلمەسلىكىمدىن ئەنسىرەپ، ھەر قېتىم توپتا مېۋە، كۆكتات زاكاز قىلغاندا، مەھەللە خىزمەتچىلىرى دائىم مەندىن يەنە نېمە يېگۈم بارلىقىنى ئالاھىدە سورايدۇ. ياخشى ئارام ئالالماسلىقىمدىن ئەنسىرەپ، مۇقىم ۋاقىتنى تاللاپ ماڭا تېلېفون قىلىپ سالامەتلىك ئەھۋالىمنى ئىگىلەپ تۇرىدۇ، ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ بەك ئىنچىكە» دېدى جېڭ فېي.

يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) يېڭبىن يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى يېڭبىن يولى غەربىي مەھەللىسى لەييىن جۇاڭيۈەن ئولتۇراق رايونىدىكى 84 ياشلىق ئاھالە چېڭ يىننىڭ ئوغلى سىرتتا بولغاچقا قايتىپ كېلەلمىدى، كېلىنى شياۋ بىڭمۇ مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۈلگۈرۈپ كېلەلمىدى. گەرچە ئۆي خىزمەتچىسى ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئىككىلىسى خەت تونۇمايتتى، ۋىيشىن ئىشلىتىشنىمۇ بىلمەيتتى. مەھەللە پىدائىيسى ليۇ كې ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ھەر كۈنى ئەتىگەندە، چېڭ يىننىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى سوراپ تۇردى، چېڭ يىن ئېھتىياجلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ليۇ كې دەپتەرگە تەپسىلىي خاتىرىلىۋېلىپ، سېتىۋالغاندىن كېيىن ئىشىك ئالدىغىچە ئەكېلىپ بەردى. پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇنىڭدىن ئەنسىرىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، ليۇ كې ئۇنىڭ ئۆيدە تۇرۇۋاتقان ھالىتىنى سىنغا ئېلىپ شياۋ بىڭغا ئەۋەتىپ بەردى.

«دەل ليۇ كېغا ئوخشاش نۇرغۇن <قارشى يۆنىلىشتە يۈرگۈچى>لەر بىز ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلغاچقا، بىز خاتىرجەم بولالىدۇق، مەن ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىمەن!» دېدى شياۋ بىڭ مىننەتدارلىق بىلەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى