تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پاشا، چىۋىنلەر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنى تارقىتىش، كېڭەيتىشنىڭ بىيولوگىيەلىك ئاساسىنى ھازىرلىمىغان

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاۋ چۇنخۇا، لى چۇنشيا خەۋەر قىلىدۇ: يازدىكى تومۇز ئىسسىقتا پاشا، چىۋىنلەر كۆپىيىدۇ، پاشا، چىۋىنلەر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنى تارقىتامدۇ، كېڭەيتەمدۇ؟ 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋېن گوشىن مۇنداق دېدى: تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ئاساسلىقى ماكانلاشقان تەن ئىچىدىكى ACE (ئانگىئوتېنسىن ئالماشتۇرغۇچى ئېنزىم) قوبۇل قىلغۇچى تەنچىسى بىلەن بىرلىشىش ئارقىلىق ماكانلاشقان ئاساسىي ھۈجەيرىنى يۇقۇملاندۇرىدۇ. ھالبۇكى پاشا، چىۋىنلەرنىڭ تېنىدە بۇنىڭغا ئوخشاش قوبۇل قىلغۇچى تەنچە يوق، شۇڭا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنى تارقىتىش، كېڭەيتىشنىڭ بىيولوگىيەلىك ئاساسىنى ھازىرلىمىغان.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ئاساسلىقى يېقىن ئارىلىقتىكى تۈكۈرۈك چاچراندىلىرى ئارقىلىق تارقىلىدۇ، ياكى يۇقۇملانغۇچىلار بۇلغىغان بۇيۇملار بىلەن قولى ئۇچرىشىپ، ئاندىن ئۆزىنىڭ ئېغىز، بۇرۇن، كۆزى بىلەن ئۇچراشقان سەۋەبلىك يۇقۇملىنىدۇ، ئالاھىدە ئەھۋالدا ئائېروزوللۇق تارقىلىش يۈزبېرىشى مۇمكىن.

ۋېن گوشىن شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، گەرچە ھازىرقى دەلىل - ئىسپاتلار پاشا - چىۋىنلەرنىڭ ۋاسىتە سۈپىتىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنى تارقىتىدىغانلىقىنى قوللىمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار باشقا كېسەللىكلەرنى تارقىتىش خەۋپ - خەتىرىنى ھازىرلىغان. ئامما ئائىلىدە ۋە سىرتتا پاشا، قۇرتلارنىڭ چېقىۋېلىشىدىن ساقلىنىشقا ئائىت قوغداش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك ۋاسىتىچى بىيولوگىيەلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ يۈزبېرىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ