تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز «ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش كۈنى» تور پائالىيىتىنى قوزغاتتى

مىليوندىن ئارتۇق تورداش توردا كۆردى، ھەمتۈرتكە بولۇپ پىكىر ئالماشتۇردى

8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى خۇەنۋېي جەنۇبىي يولى ۋەنكې لەنچياۋ شېڭفېي ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق رېن شياۋرەن ئۆيىدە چېنىقماقتا. (جوۋ لېي فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جىڭ بو خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى 12 - قېتىملىق «ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش كۈنى»، بۇ يىلقى باش تېما «ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە كۈچ قوشۇش». شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونىمىز «ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش كۈنى» تور پائالىيىتىنى قوزغىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، مىليوندىن ئارتۇق تورداش ئوخشاش بولمىغان بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسى ئارقىلىق توردا كۆردى، ھەمتۈرتكە بولۇپ پىكىر ئالماشتۇردى.

«ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇپ، ساغلام تەنگە ئىگە بولغاندا، ئاندىن كەلگۈسى بولىدۇ» «تەنھەرىكەت كىشىنى تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ ساغلام، تېخىمۇ ياش قىلىدۇ»... تورداشلارنىڭ قالدۇرغان سۆزلىرىدە ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتىگە ئاتلىنىش كۈچلۈك ئارزۇسى ئىپادىلەندى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلارمۇ تۈرلۈك شەكىلدىكى تور پائالىيەتلىرىنى بەس - بەستە قانات يايدۇرۇپ، «ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش كۈنى» پائالىيىتىنىڭ قويۇق كەيپىياتىنى ياراتتى. پائالىيەت كۈنى توردا قانات يايدۇرۇلغان تاختىسىمان تىرەپ تۇرۇش مۇسابىقىسى 550 مىڭدىن ئارتۇق تورداشنى كۆرۈشكە جەلپ قىلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى «شىنجاڭ مېنىڭ ئائىلەم» يېڭى تاراتقۇسى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئاچقان «ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش كۈنى» شەخسلەر ئېلان پائالىيىتىگە 8 - ئاينىڭ 7 - كۈنىگىچە 25 مىڭدىن ئارتۇق تورداش قاتناشتى؛ قاراماي شەھىرى ئۆتكۈزگەن «چىديەن داشېڭ . ئومۇمىي خەلق يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش توپنى خالىغانچە كۆكلىتىش، توۋلاپ كۈچ ئۇلاش مۇسابىقىسى» «توردىكى مارافون − <يۈنما خۇايۈەن> پائالىيىتى»، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۆتكۈزگەن بەدەن چېنىقتۇرۇش گىمناستىكىسى، تەيجى گۇمپىسى قاتارلىق يۈرۈشلۈك مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى كۆپلىگەن قاتناشقۇچىلارنى جەلپ قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ئىمىنجان زارى مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى توردا ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتىنى ئۇدا تۆت قېتىم ئۆتكۈزدى. پائالىيەت مەزمۇنى ئىلمىي بەدەن چېنىقتۇرۇش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، مۇنەۋۋەر جەمئىيەت تەنتەربىيە يېتەكچىلىرى توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ ئۆگىتىش، ئۆيدە بەدەن چېنىقتۇرۇش تور تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، «مېنىڭ ئۆيدە بەدەن چېنىقتۇرۇش ھېكايەم»نى توپلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، توردا كۆرگەنلەر 19 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئىشلىرىدا ياخشى خەۋەرلەر ئۈزۈلمىدى، يېقىن ئەتراپتىكى تەنتەربىيە چېنىقىش مەيدانلىرى، شەھەر - يېزىلاردىكى بەدەن چېنىقتۇرۇۋاتقان كىشلەر توپى، تۈرلۈك بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە جانلىنىۋاتقان جەمئىيەت تەنتەربىيە يېتەكچىلىرى... تۈرلۈك تەدبىرلەر، سان - سېپىرلار خەلق قەلبىنى ئىللىتتى، ئاساسنى پۇختىلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بەدەن چېنىقتۇرۇش، ئىلمىي بەدەن چېنىقتۇرۇش بارغانسېرى كۆپ كىشىلەرنىڭ ئاڭلىق تاللىشىغا ئايلاندى، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشى ۋە ھەرىكىتىگە ئايلانماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ