تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە 8-ئاينىڭ 8-كۈنى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار يېڭىدىن كۆپەيمىدى

      تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن) 8-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 17دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا 23-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ ۋېي ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەڭ يېڭى يۇقۇم ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى:
      8-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت نۆلدىن 24كىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى دوكلات قىلغان يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 15، بۇلارنىڭ ھەممىسى مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتقانلار بولۇپ، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار يېڭىدىن كۆپەيمىدى.
      شۇ كۈنى، يېڭىدىن كۆپەيگەن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق مىسالى 30، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلاردىن تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغانلار تۆت.
    7-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت نۆلدىن 8-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 24كىچە، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى جەمئىي 137، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلاردىن تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغانلار 71 بولۇپ، ئومۇمىي سان 208گە يەتتى.
      8-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 24كىچە، ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 622 سى؛ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 122 سى بار. دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى بىلەن تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتقان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى داۋاملىق ئازايدى.
      جاڭ ۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تۈنۈگۈن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى بۇ نۆۋەتلىك يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان بىر كۈندە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلار ئەڭ كۆپ بولغان بىر كۈن بولدى، بىر كۈندە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى بىلەن تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى ئۇدا ئىككى كۈن يېڭىدىن دوكلات قىلىنغان يۇقۇملانغۇچىلار سانىدىن ئاشتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە پەرق قىممىتى كېڭەيدى، بۇ داۋالاش-قۇتقۇزۇش ئۈنۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى