تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقۇم مەزگىلدە بىر قىسىم نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلاردا ئىش توختاپ قالمىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 8-ئاينىڭ 9-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر لى جىخاۋ، گاۋ خەن): مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى قۇرۇلۇش تۈرى ئىش نەق مەيدانىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، قۇرۇلۇش نەق مەيدانىنى زۆرۈر ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، قىسمەن نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ يۇقۇم مەزگىلىدە نورمال قۇرۇلۇش قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جاڭ مىڭ مۇنداق بىلدۈردى: نۆۋەتتە، شەھەر قۇرۇلۇشى ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر قىسىم نۇقتىلىق قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا داۋاملىق قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتىدۇ. قۇرۇلۇش مەيدانىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش -تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يىغىلىش خاراكتېرلىك يۇقۇمنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى بارلىق قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىنى يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇشنى، بارلىق قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنىڭ قۇرۇلۇش مەيدانىدا تۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەندىن باشقا، ھەر قانداق ئادەمنىڭ كىرىپ - چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنمىدى. كۆكتات، گۆش، ئاشلىق، ياغ، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئۇچراشماي تەقسىملەپ يەتكۈزۈشنى يولغا قويۇپ، بۇيۇملارنى دەرۋازىدىكى بەلگىلەنگەن رايونغا يەتكۈزۈپ دېزىنفېكسىيە قىلغاندىن كېيىن قۇرۇلۇش مەيدانىدىكى خادىملارغا يەتكۈزۈپ بېرىلدى. بىناكارلىق ماتېرىياللىرى، قۇرۇلۇش ئەخلەتلىرى ۋە تۇرمۇش ئەخلەتلىرى يۇقۇم مۇداپىئە پونكىتىنىڭ تەلىپى بويىچە ئېلىپ بېرىلدى.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بويىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى ھەر قايسى قۇرۇلۇش مەيدانلىرىدىكى بارلىق خادىملارنى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشكە تەشكىللىدى ھەمدە ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىدى؛ قۇرۇلۇش مەيدانىدىكى خادىملارنىڭ ھەممىسى تارقاق غىزالاندى؛ ئۆزى تاماق بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان قۇرۇلۇش مەيدانىدىن ئاشخانا تازىلىقى، ئاشخانا سايمانلىرىنى دېزىنفېكسىيە قىلىش، سۈپىتى ئىشەنچلىك يېمەكلىك خام ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىش  تەلەپ قىلىندى؛ مەركىزىي ئاشخانا ياكى ئاشخانىدا تاماق تەييارلايدىغانلارنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىندى.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپى بويىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى ھەر قايسى قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلاردىن قۇرۇلۇش مەيدانىدىكى خادىملارنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇشنى ھەمدە ياتاقنى قەرەللىك دېزىنفېكسىيە قىلىش ۋە دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

بۇ يىل 3-ئايدىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 800گە يېقىن قۇرۇلۇش تۈرىدە ئارقا ئارقىدىن ئىش ئەسلىگە كەلدى ۋە يېڭىدىن ئىش باشلاندى، بۇ شەھەر ئۇل ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش، سۇ بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىش، شەھەر يول تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى