تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

پارتىيەلىك پىدائىي توختى: مەن ئاھالىلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن، نېمە كېرەك بولسا تارتىنماي دەۋېرىڭلار

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ما يەنجى خەۋىرى، فوتوسى): لىققىدە كۆكتات، مېۋە-چېۋە، ئۇن بېسىلغان قول ھارۋىسىنى ئىتتىرگەن 67 ياشلىق توختى تۇردى ئولتۇراق رايوننىڭ دەرۋازىسىدىن 6-بىنانىڭ ئالدىغا 15 مىنۇتتا يېتىپ كەلدى. تاماق ۋاقتى ئاللىبۇرۇن ئۆتۈپ كەتكەن بولۇپ، بۇ بىر ھارۋا مالنى يەتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆيىگە قايتىپ چۈشلۈك تامىقىنى يەيتتى.

  8-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃32 بولۇپ، توختىنىڭ مۇداپىئە كىيىمى ئىچىگە كىيىۋالغان قىسقا يەڭلىك مايكىسى ئاللىبۇرۇن ئۇنىڭدىن ئاققان تەردىن چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ كەتكەنىدى. «رەھمەت سىزگە، توختى تاغا، جاپا چەكتىڭىز!» ئاھالىلەرنىڭ رەھمىتىنى ئاڭلىغىنىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئىتتىپاق يولى تەۋەلىك رايونى كونسۇل كوچىسى شىمالىي مەھەللىسى مەدەنىيەت چوڭ قوروسىنىڭ پىدائىيسى توختىنىڭ كۆڭلى يايراپ كېتەتتى، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ: «جاپا چەكمىدىم، مەن كۆپچىلىك ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىمەن، نېمە كېرەك بولسا تارتىنماي دەۋېرىڭ» دېدى.

  تاماقتىن بۇرۇن، توختى ئادىتى بويىچە يان تېلېفونىنى توكقا چېتىپ قويدى: «قورسىقىم تويسا ئىش قىلىدىغانغا ماغدۇر بولىدۇ، يان تېلېفونۇمنىڭمۇ قورسىقى تويسا ئاھالىلەر ئاندىن مەن بىلەن ئالاقىلىشالايدۇ.»

توختى ئاھالىلەرگە ئۇن تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بەرمەكتە

  كونسۇل كوچىسى شىمالىي مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ما لىنچېڭ مۇنداق دېدى: «ئولتۇراق رايوندىكى 30 نەچچە پىدائىي ئىچىدە، توختىنىڭ يېشى ئەڭ چوڭ، ئەمما، ئۇ ئىشنى ياشلاردىن قېلىشمىغۇدەك قىلىدۇ. مەيلى ئاھالىلەرگە ياردەملىشىپ مال سېتىۋېلىش ۋە ياكى باشقا ئىشلاردا بولسۇن، ئۇ ئىنتايىن ئەستايىدىل ۋە مەسئۇلىيەتچان، شۇڭا، ئۇ ئاھالىلەرنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.»

  يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، توختى پىدائىي بولۇشقا تىزىملاتتى، كۈندىلىك ئىش تەرتىپى ئىنتايىن زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى: ھۆددىگە ئالغان كادىر بىلەن بىرلىكتە ئاھالىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش؛ ئاھالىلەرگە مال سېتىۋېلىش، يېمەكلىك ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش؛ كەچتە ئۈچىنچى قېتىم ئاھالىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىگەچ، يەنە ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئەخلەت يىغىش. بۇ بىر قاتار ئىشلارنى تۈگەتكۈچە، دائىم كەچ سائەت 11دىن ئېشىپ كېتەتتى.

  خەيرىگۈل ھەسەن مەدەنىيەت چوڭ قوروسى 6-بىناسىدىكى ئاھالە. «بىز توختى ئاكىنى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيمىز ۋە ئۇنىڭغا ئىنتايىن قايىل. دەسلەپتە، قول ھارۋىسى يوق چاغلاردا، ئۇ چوڭ-كىچىك خالتىلارنى كۆتۈرۈپ، توختىماي قاتراپ، ئاھالىلەرگە مال يەتكۈزدى» دېدى خەيرىگۈل، «بىز ھازىر ئۆيدە تۇرۇۋاتىمىز، ئىمكانقەدەر نەرسىلەرنى ئازراق سېتىۋېلىۋاتىمىز، ئۇنى ئاۋارە قىلغۇمىز كەلمىدى، ئەمما ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋېيشىندا ئۇچۇر يوللاپ، بىزگە نېمە لازىم بولسا تارتىنماي دېيىشىمىزنى ئېيتتى.»

توختى ئاھالىلەرگە يېمەكلىكلەرنى تەقسىملەپ يەتكۈزمەكتە.

  كونسۇل كوچىسى شىمالىي مەھەللىسىنىڭ كادىرى مەلىكە مەمتىمىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، توختى پىدائىيلار مۇلازىمىتى قىلىۋاتقان بۇ تۇرالغۇ بىناسىدا 200 نەچچە ئاھالە بار بولۇپ، كۈندىلىك مال سېتىۋېلىش مىقدارى ئىنتايىن كۆپ ئىكەن، «توختى تاغا ياردەملەشكەچكە، بىز خىزمەتلىرىمىزنى مۇشۇنداق ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇۋاتىمىز.»

  توختىنىڭ خوتۇنى نۇرگۈل تۇرسۇن مۇخبىرغا ئېرىنى قوللايدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنىمۇ ئېيتتى: «ھەر قېتىم ئۇنىڭغا ئېھتىيات قىلىشنى ئېيتسام، ئۇ ماڭا، يۇقۇم مەزگىلىدە، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ قوشنىلارغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى دەيدۇ. ئۇ يەنە باشقا مەھەللىدە ئىشلەيدىغان قىزىمىزغا تېلېفون بېرىپ، ئۇنىڭغا ئاھالىلەر ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلىشنى جېكىلەپ تۇرىدۇ.»

  توختىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەسلىدە ئۇ يان تېلېفونىنى بىر، ئىككى كۈندە بىرەر قېتىم زەرەتلەيدىغان بولۇپ، ھازىر ئۇنىڭغا تېلېفون بېرىدىغان ئاھالىلەر كۆپ بولغاچقا، يان تېلېفونىنى ھەركۈنى چۈشتە بىر قېتىم، كەچتە بىر قېتىم زەرەتلىسىمۇ، توكى بەزىدە يەتمەي قالىدىكەن. «ئاھالىلەرنىڭ مەن بىلەن ئالاقىلىشالماي قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، يان تېلېفونۇمنى ھەرۋاقىت توك بار ھالىتىدە ساقلايمەن» دېدى ئۇ.

  «مەن 1998-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، 22 يىللىق پارتىيەلىك ئىستاژىغا ئىگە پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى. ھالقىلىق پەيتتە، مەن چىقمىسام كىم چىقىدۇ؟ قانچىلىك چارچىساممۇ، ئاھالىلەرنىڭ رەھمەت دېگىنىنى ئاڭلىسام، پۈتۈن بەدىنىم كۈچكە تولىدۇ» دېدى توختى، «يۇقۇم ئاخىرلاشقاندا، مەھەللە پىدائىيغا ئېھتىياجلىق بولسىلا، مەن يەنە بىرىنچى بولۇپ تىزىملىتىمەن.»

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى