ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ لېي خەۋىرى): يۇقۇم مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، يەتتە نانچىلىق كارخانىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 يېمەكلىك كارخانىسى ئىشلەپچىقىرىشنى تېزلىتىپ، بازارنى تەمىنلەشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.
7-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن باشلاپ، نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى نورمىغا يەتكۈزۈپ ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق، كۈنىگە 50 مىڭ دانە نان، 8000 كىشىلىك راڭپىزا، 1000 دانە جياۋماجى قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىپ، ھەممىسىنى ئۈرۈمچى شەھەر رايونىغا ساتتى.
شەھەرلىك نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى ئۈرۈمچىدىكى مۇھىم يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش بازىسى، 7-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن باشلاپ، باغچە رايونى تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېپىق ھالەتتە ئىشلەپچىقىرىپ، سىرت بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىشتىن ساقلاندى. سانائەت رايونىدا ئوبوروت رايونى تەسىس قىلىنىپ، خام ماتېرىيال ۋە ماللار ئوبوروت قىلىنغاندىن كېيىن، مال تاپشۇرۇۋالغۇچى تەرىپىدىن ئاپتوموبىلغا قاچىلىنىپ توشۇلدى. ئىشچىلارنىڭ تۇرمۇش ياتىقى ۋە ئىشلەپچىقىرىش سېخىنىڭ ئاممىۋى رايونىدا، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم تېمپېراتۇرا ئۆلچەش، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش، تاماق ئايرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى.
شىنجاڭ چۇاڭبو باغچە رايونى تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى يۈ گوچىڭ، نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىنىڭ خام ئەشيا توشۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى، 341 ئىشچىنىڭ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، بازارنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، يېمەكلىك كارخانىلىرى سېتىشقا قاراپ ئىشلەپچىقىرىشنى بېكىتىپ، زاكازغا ئاساسەن، شەھەر رايونىدىكى ھەرقايسى كوللېكتىپ زاكاز قىلغۇچىلار ۋە مەھەللە كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىلىرىغا سېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
شىنجاڭ ياشىن شياڭناڭ يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى يەتتە نانچىلىق كارخانىسىنىڭ بىرى، كارخانا خىزمەت ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، ھەر كۈنى ئون سائەت خىزمەت قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كۈندىلىك ئېھتىياجىنى قاندۇردى.
شىركەت دىرېكتورى جاڭ يۈ مۇنداق دېدى: «زاۋۇتتىكى 28 ئىشچىنىڭ ھەممىسى ئىش ئورنىغا كېلىپ، نورمىغا يەتكۈزۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتى. ئادەتتە ئىككى ئادەم بىر گۇرۇپپا بولۇپ، بىر كۈندە تۆت خالتا ئۇن سەرپ قىلىپ، كۈنىگە 460 دانە نان ئىشلەپچىقاردى. يېقىندا، ئىشچىلار ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، ھەر بىر گۇرۇپپىنىڭ كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 525 دانىغا يەتكۈزۈپ، بىر كۈندە 4000 دانە ئەتراپىدا نان ئىشلەپچىقاردى. بۇ مەھسۇلاتلار ئاساسلىقى شىمىگۇ رايونى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ۋە ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)غا سېتىلدى».
شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ باداۋان كوچا باشقارمىسى لۈجوۋ مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى كۇڭ دېچۈەن، ئۇلارنىڭ باغچە رايونىدىكى ئىشچىلارنىڭ تۇرمۇشى، خام ماتېرىيال تىرانسپورتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، باغچە رايونىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغانلىقىنى ئېيتتى.