تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى: كارخانىلارنىڭ بۇ يىلقى پۈتۈن يىللىق تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تۆلەش نىسبىتى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىلىدۇ، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا %5كىچە تۆۋەنلىتىلىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن توڭيۈەن، جانات تولقىن): يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى سىياسەت چىقىرىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتى.

  8-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شاڭ يۈلەن مۇنداق تونۇشتۇردى: ھەرقايسى كارخانىلارنىڭ بۇ يىلقى پۈتۈن يىللىق تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تۆلەش نىسبىتى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىلىدۇ، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا %5كىچە تۆۋەنلىتىلىدۇ؛ 9-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن قۇرۇلۇش ئىجازەتنامىسى  بېجىرگەن تۈرلەردە،  بۇ يىللىق ئەمەلىي قۇرۇلۇش مىقدارىنىڭ نىسبىتى بويىچە شەھەر ئۇل ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش ھەققى كېمەيتىپ ئېلىنىدۇ، كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل