تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن توڭيۈەن، جانات تولقىن): 8-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 17دە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا 22-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا يۇقۇم مەزگىلىدە، ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ قانۇن ياردىمى، ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىش قاتارلىق تەرەپلەردە ئوتتۇرىغا قويغان ئالاقىدار خەلققە قولايلىق تەدبىرلەر تونۇشتۇرۇلدى.
«يۇقۇم مەزگىلىدە، بىز شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، ئەدلىيەنىڭ مەمۇرىي فونكىسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەدلىيە مەمۇرىي مۇلازىمىتىنىڭ يۇقۇم سەۋەبىدىن بوش قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق.» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جاڭ جىڭچۈن تونۇشتۇرۇپ، قانۇن ياردىمى جەھەتتە، تېخىمۇ كۆپ قىيىنچىلىقى بار ئامما ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىكى خادىملارنىڭ قانۇنلۇق دەۋا تەلىپى قانۇن ياردىمى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى.
بىرىنچى، يۇقۇم سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ئەمگەك ھەققى بېرىش، ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىش، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش تۆلىمى بېرىش، ئۆي ئىجارە ئېلىش-ئىجارە بېرىش قاتارلىقغا چېتىشلىق ماجىرالار قانۇن ياردىمى تولۇقلىمىسىغا كىرگۈزۈلدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىكى دوختۇر-سېسترالار، مەھەللە خىزمەتچىلىرى، پىدائىيلار قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويغان قانۇن ياردىمى ئىلتىماسىغا قارىتا، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش بىكار قىلىندى.
ئىككىنچى، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرمۇشتا قىيىنچىلىق كېلىپ چىققان ئەمگەكچىلەر، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، يەككە سودا-سانائەتچىلەر ۋە ئاممىغا قارىتا، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بارلارنى تەكشۈرۈشتىن كەچۈرۈم قىلىش دائىرىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ئىسپاتى بىلەن تەمىنلەشكە ئامالسىز قالغان ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا قارىتا، يازمىچە ۋەدە بېرىش شەكلى ئارقىلىق قانۇن ياردىمىگە ئىلتىماس قىلىش قوللىنىلدى.
ئۈچىنچى، قانۇن مۇلازىمىتى يوللىرى پائال كېڭەيتىلىپ، «ئالاقە تورى +» ئەندىزىسى قوللىنىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئامما «12348» ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمەت لىنىيەسى، ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى قاتارلىقلار ئارقىلىق، قانۇن مەسلىھەتچىلىكى ۋە قانۇن ياردىمىگە ئىلتىماس قىلىشقا يېتەكلەندى، قانۇن ياردىمىنى «ئالدىدىن كېلىشىپ بېجىرىش»، «لىنىيەدە بېجىرىش»، «توردا بېجىرىش»، «يان تېلېفوندا بېجىرىش» ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىلىپ، خىزمەت كۈنى مەزگىلىدە 24 سائەت پۈتۈن كۈنلۈك مۇلازىمەت قىلىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
زىددىيەتلەرنى مۇرەسسە قىلىش جەھەتتە، خەلق مۇرەسسە تەشكىلاتلىرى ۋە مۇرەسسە خادىملىرىنىڭ ئۈستۈنلۈكى جارى قىلدۇرۇلۇپ، زىددىيەت، ماجىرالار پەسەيتىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ئاشۇرۇلدى.
بىرىنچى، ئادۋوكات، قانۇن خىزمەتچىلىرى، پىدائىيلار قاتارلىق خادىملارنىڭ كۈچى بىرىكتۈرۈلۈپ، يۇقۇم مەزگىلىدە ئامما ماجىرالىرى، يۇقۇمغا ئالاقىدار كارخانىلار ماجرالىرىنى مۇرەسسە قىلىشقا پائال قاتناشتۇرۇلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئاسان، كۆپ يۈز بېرىدىغان تۇرمۇش، ئائىلە، قوشنىلار، خوجىلىق، ئەمگەك ماجىراسى قاتارلىق زىددىيەت، ماجىرالارغا قارىتا، مۇرەسسە قىلغۇدەكلىرىنى مۇرەسسە قىلىش، كۆپ مەنبەلىك پەسەيتىشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، قانۇن نەزەرىيەسىنى جانلىق تەدبىقلاش شەكلى ئارقىلىق زىددىيەت، ماجىرالار ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك پەسەيتىلدى.
ئىككىنچى، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مۇرەسسە تەشكىلاتلىرى، مۇرەسسە خادىملىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، ئەھۋالنى پىششىق بىلىشتەك ئۈستۈنلۈكى جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ تۈرلۈك زىددىيەت، ماجىرالارنى، بولۇپمۇ ئائىلىدىكى زىددىيەت، ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىشى، ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا قارىتا پىسخىكىلىق يېتەكلەش، قانۇن- سىياسەتلەرنى پائال تەشۋىق قىلىشى ئارقىلىق، پۈتۈن كۈچ بىلەن زىددىيەتلەر مەھەللە (كەنت)دىن چىقىرىلماي، زىددىيەتلەرنى يۇقىرىغا تاپشۇرماسلىق ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
ئۈچىنچى، تور، ۋېيشىن، قىزىق لىنىيەلىك تېلېفون قاتارلىق ئۇچۇلارشتۇرۇش ۋاسىتىلىرىدىن پائال پايدىلىنىلىپ، ئۇچراشماي «نۆل ئۇچرىشىش» ئارقىلىق مۇرەسسە قىلىنىپ، مۇرەسسە خىزمىتى ئاممىغا يېقىن، كىشى كۆڭلىگە ياقىدىغان قىلىنىپ، تېخىمۇ تۇرمۇشلاشقان بىرتەرەپ قىلىش شەكلى ئارقىلىق، سىياسەتلەرنى يېشىپ چۈشەندۈرۈش، قانۇن ئارقىلىق گۇماننى ئايدىڭلاشتۇرۇش، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى، ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىپ بىرتەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر ئەتراپلىق، ئىنچىكە ياخشى ئىشلەندى.
ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇن مۇلازىمىتى جەھەتتە، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇن مۇلازىمىتىنىڭ ئەۋزەللىكى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، توردا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك چېڭشىن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئورنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جۇڭشىن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئورنى قاتارلىق تارماقلارنىڭ ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى ئارقىلىق، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىنىڭ ئۆيلىنىش، ۋارىسلىق قىلىش، ۋەسىيەت قاتارلىق ئىشلاردىكى رولى تەشۋىق قىلىندى؛ ئۈرۈمچى شەھىرى «فاشىن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى» تور سۇپىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىنى بېجىرىشكە جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان ئالاقىدار تەرەپلەر توردا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەنگەن بولۇپ، نۆۋەتتە توردا 66 خىل ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشلىرىنى ئىلتىماس قىلىپ بېجىرىشنى قوللايدىكەن.