تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

شىنجاڭلىق مۇزىكانتلار نوتا ئارقىلىق ئۈرۈمچىگە مەدەت بەردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ مېڭمېڭ): «ئۈرۈمچى، سەن قەلبىمدىكى شېئىر ۋە يىراقتىكى ماكان؛ ئۈرۈمچى، سەن مەن ئىزدەۋاتقان گۈزەل چارۋىچىلىق فېرمىسى...» 8-ئاينىڭ 6-كۈنى، «ئۈرۈمچى» ناملىق ناخشا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدىكى بىر ئىللىق ئېقىمغا ئايلاندى.
    بىرنەچچە شىنجاڭلىق مۇزىكانت ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىسى بىرلىكتە ئىجاد قىلغان ۋە ئورۇنلىغان، ناخشا ساداسى ئارقىلىق ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىلىرىگە مەدەت بەرگەن بۇ ناخشىنىڭ قويۇلۇش سانى 100 مىڭ قېتىمدىن ئېشىپ كەتتى.
    ناخشىنىڭ MVسىدا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نۇرغۇن گۈزەل مەنزىرىلىرى، مەززىلىك تائاملىرى بىرمۇبىر نامايان قىلىنغان. «بەك ئېسىل چىقپتۇ، ئاھاڭىمۇ بەك مۇڭلۇق ئىشلىنىپتۇ، بىزنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، يۇقۇم ئۈستىدىن ئورتاق غەلىبە قىلىشقا بولغان ئىرادىمىز نامايان بوپتۇ.» شەھەر ئاھالىسى جاڭ جيەن دوستلار چەمبىرىكىدە بۇ ناخشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، تەسىرلەنگەن ھالدا شۇنداق دېدى.
    ئىگىلىنىشىچە، «ئۈرۈمچى» ناملىق ناخشىنى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى بىرلىكتە ئىجاد قىلغان، شىنجاڭلىق ناخشا تېكىستى يازغۇچىسى شيا مۇ تېكىستىنى يازغان، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىنىڭ دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك كومپوزىتورى ئابلەت ئابلىكىم مۇزىكىسىنى ئىشلىگەن ھەم ئابلەت ئابلىكىم، ليۇ لىمىن، ليۇ كې، شى چۈنخۇي قاتارلىق ناخشىچىلار بىللە ئېيتقان.
    شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ناخشىچىسى شۈ لې ئىجاد قىلغان «ئېھتىرام، ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەرگە!» ناملىق ناخشا ۋىيشىن دوستلار چەمبىرىكى، دوۋيىن قاتارلىق سۇپىلاردا بەس-بەستە تارقىتىلدى؛ ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن شىنجاڭ مۇزىكانتلار جەمئىيىتى مودا مۇزىكا ئىلمىي جەمئىيىتى يەنە ئاممىۋى پاراۋانلىق ناخشىسى «بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن كۈنلەر»نى ئىجاد قىلدى.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى