تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىن ئۈرۈمچىگە كەلگەن ئىشلەمچىلەرگە تۇرمۇش ياردەم پۇلى تارقاتتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن): يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تۇرمۇش ياردەم پۇلى تارقىتىش قاتارلىق ئالاقىدار تەدبىرلەرنى قوللاندى.

       8-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شاڭ يۈلەن مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىن ئۈرۈمچىگە كەلگەن ئىشلەمچىلەرگە تۇرمۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ بېرىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلاردىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ پىراكتىكا قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەر بىرىگە ھەر ئايدا 600 يۈەن ئۆلچەم بويىچە تۇرمۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ بېرىلدى، ئۇلار پىراكتىكا قىلىۋاتقان كارخانىلارغا ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن ھەر ئايدا 600 يۈەندىن تاماق ياردەم پۇلى بېرىلدى.

  

  گۈلپىيە ئابلىز تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل