تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

يۇقۇم مەزگىلىدە تىجارەت قىلىۋاتقان تاكسى شوپۇرلىرىغا قارىتا مەركەزلىك باشقۇرۇش يولغا قويۇلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۇەن، جانات تولقىن): 8-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 17دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا 22-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

  يۇقۇم مەزگىلىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول ۋوگزالى، ئايروپورتتىكى يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى ھۆكۈمەت مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، بىر قىسىم تاكسىلارنى تەشكىللەپ تىرانسپورت مۇلازىمىتى كاپالىتى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىدىغان خادىملارنى پويىز ئىستانسىسى، ئايروپورتقا ھەقسىز ئاپىرىپ قويدى. قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ «يولۇچى توشۇش مەيدان-بېكەتلىرى ۋە قاتناش-تىرانسپورت قوراللىرىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ رايون ۋە دەرىجىگە ئايرىپ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوللانمىسى (4-نەشرى)» ۋە شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپىگە ئاساسەن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسى كۆپ تۈرلۈك تەدبىرنى قوللىنىپ، بىخەتەر، خاتىرجەم ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇش مۇھىتى ياراتتى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى فاڭ يۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تاكسى شوپۇرلىرىنى مەركەزلىك باشقۇرۇش يولغا قويۇلدى. ھەر قايسى تاكسى كارخانىلىرى باشقۇرۇش خادىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆز شىركىتىنىڭ يۇقۇم مەزگىلىدە تىجارەت قىلىۋاتقان شوپۇرلىرىنى مەركەزلىك باشقۇرۇپ، ھەر كۈنى ئەتىگەن، چۈش، كەچتە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى بىر قېتىمدىن ئۆلچەپ، بىر تۇتاش تاماق يەتكۈزۈش، تارقاق غىزالىنىش تۈزۈمىنى يولغا قويدى. تۇرۇشلۇق مەھەللىنىڭ باشقۇرۇشىغا پائال بويسۇنۇپ، تاكسى شوپۇرلىرى پىدائىيلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ياتاق نۇقتىلىرىدا دېزىنفېكسىيە قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مەھەللە ئورۇنلاشتۇرغان نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشكە قاتناشتۇرۇپ، شوپۇرلارنىڭ كېسەل تۇرۇپ خىزمەت قىلىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئالدى.

  تاكسىلارنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش خىزمىتى كۈچەيتىلدى. ھەر بىر ئاپتوموبىلغا «84» دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ياكى ئىسپىرت شۇنىڭدەك پۈركۈگۈچ، مۇداپىئە پەلىيى قاتارلىقلار سەپلەندى؛ دېزىنفېكسىيە قىلىش تەدبىرلىرى قاتتىق ئىجرا قىلىنىپ، ئاپتوموبىل رولى، ئورۇندۇق قېپى، بىخەتەرلىك تاسمىسى، ئورۇندۇق، سېلىنچا، ئاپتوموبىلنىڭ ئارقا ساندۇقى قاتارلىق نۇقتىلىق ئورۇنلار ھەر تۆت سائەتتە بىر قېتىم دېزىنفېكسىيە قىلىندى؛ يۈرۈش جەريانىدا ئاپتوموبىل ئەينىكى چۈشۈرۈلۈپ، ھاۋا ئالماشتۇرۇش ھالىتى ساقلاندى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دېزىنفېكسىيە قىلىش قېتىم سانى ئاشۇرۇلۇپ، ئاپتوموبىلنىڭ ئىشىك تۇتقۇچى، ئاپتوموبىل ئەينىكىنى چىقىرىپ-چۈشۈرۈش كۇنۇپكىسى، ئارقا ساندۇق كۇنۇپكىسى قاتارلىق نۇقتىلىق ئورۇنلار ھەر قېتىم ئىشلىتىلگەندە بىر قېتىم دېزىنفېكسىيە قىلىندى.

  شوپۇرلار ۋە يولۇچىلارنىڭ مۇداپىئەسى كۈچەيتىلدى. تاكسى شوپۇرلىرى چوقۇم پۈتۈن مۇساپىدە ماسكا ۋە مۇداپىئە پەلىيى تاقىدى، شارائىتى بارلار يەنە مۇداپىئە كىيىمى كىيدى؛ يولۇچىلار تاكسىغا چىقىشتىن بۇرۇن يەتتە كۈن ئىچىدىكى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى (مەنپىي) ۋە ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىدىغانلارنىڭ ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىش ئىسپاتىنىڭ بار-يوقلۇقى تەكشۈرۈلدى ھەمدە يولۇچىلارنىڭ ئۇچۇرى تىزىملىنىپ، يولۇچىلار تاكسىغا ئولتۇرغاندا پۈتۈن مۇساپىدە ماسكا تاقاش قاتتىق تەلەپ قىلىندى.

  نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش كۈچەيتىلدى. ھەر قايسى كارخانىلار ۋە شوپۇرلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتى ۋاقتىدا نازارەت قىلىنىپ تەكشۈرۈلدى، ساقلانغان مەسىلىلەرگە قارىتا يېتەكچىلىك قىلىنىپ ۋە تۈزىتىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، دېزىنفېكسىيە قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە  ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى