تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى ئالتە تۈرلۈك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت كەسپىنى كېچىكتۈرۈپ بېجىرىدۇ

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ما بېي خەۋەر قىلىدۇ): پېنسىيەگە چىقىش ئىلتىماسى كېچىكتۈرۈلدى، ئۇنۋان باھالاش كېيىنگە سۈرۈلدى، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ بىر قىسىم كەسىپى ۋاقتىنچە توختىتىلدى... 8-ئاينىڭ 7-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يۇقۇم مەزگىلىدە، ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، بۇ ئىدارە قىسمەن كەسىپلەرنى كېچىكتۈرۈپ بېجىرىش خەلققە قولايلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويغان، شەھەر ئاھالىلىرى ئالاقىدار ئىشلارنىڭ مۇددەتتىن ئۆتۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدىكەن.

«ئۈچنى قوللاش، بىرنى يۆلەش» يېزىقچە ئىمتىھانىنىڭ ۋاقتى ئۇزارتىلدى. ئەسلىدە 7-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2020-يىللىق «ئۈچنى قوللاش، بىرنى يۆلەش» بويىچە داشۆ ئوقۇغۇچىسىنى قوبۇل قىلىش يېزىقچە ئىمتىھانىنىڭ ۋاقتى ئۇزارتىلغان بولۇپ، كونكرېت ئىمتىھان ۋاقتى ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مۇلازىمەت سۇپىسى (www.wlmqrc.com) كادىرلار ئىمتىھانى مەخسۇس سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنىدۇ.

ئۇنۋان باھالاش خىزمىتى كەينىگە سۈرۈلدى. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2020-يىللىق ئۇنۋان باھالاش خىزمىتى كەينىگە سۈرۈلۈپ، كونكرېت ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مۇلازىمەت سۇپىسى «ئۇنۋان باھالاش» بۆلىكىدە ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.

ئىشتا يارىلىنىش، كېسەل سەۋەبىدىن خىزمەتتىن چېكىنىش ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش ۋاقتى ۋە باھالاش يەكۈنىنى ئېلىش ۋاقتى كېچىكتۈرۈلدى. نۆۋەتتە ئالدىن كېلىشىپ قويغان ئىلتىماس قىلغۇچىغا تېلېفون ئارقىلىق ئۇقتۇرۇش قىلىندى، كونكرېت باھالاش ۋاقتى ئايرىم ئۇقتۇرۇلىدۇ.

پىنسىيەگە چىقىشنى ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى ئۇزارتىلدى. پېنسىيەگە چىقىش شەرتىنى ھازىرلىغان يېشى توشقانلار (كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يۇقۇم ئەھۋالى سەۋەبىدىن پېنسىيەگە چىقىشنى ۋاقتىدا ئىلتىماس قىلالمىسا، 2020-يىل 12-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئەھۋالنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، پېنسىيەگە چىقىش ۋاقتى پېنسىيەگە چىقىش شەرتىنى ھازىرلىغان شۇ ئايغىچە بېكىتىلىپ، ئارتۇق تاپشۇرغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى پۇلى قايتۇرۇلىدۇ ھەم كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتى تولۇقلاپ بېرىلىدۇ. مەسىلەن، ئەسلىدە 7-ئايدا پېنسىيەگە چىقىدىغانلار يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىدە 8-ئايدا ئاندىن ئىلتىماس سۇنغان بولسا، ئەھۋالنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، پېنسىيەگە چىقىش ۋاقتىنى 7-ئاي قىلىپ بېكىتسە بولىدۇ.

شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ قىسمەن كەسىپلىرى ۋاقتىنچە توختىتىلدى. ش‍‍ەھەر-ي‍‍ېزا ئ‍‍اھالىلىرىنىڭ ك‍‍ۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى كەسپىنى بېجىرىش ئ‍‍ېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئ‍‍ۈچۈن، ئ‍‍ۈرۈمچى ش‍‍ەھىرىنىڭ شەھەر-ي‍‍ېزا ئ‍‍اھالىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ ئۇچۇر سىستېمىنىڭ دەرىجىسى ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئۇچۇر سىستېمىسى(ئۈچىنچى نۇسخا)غا ئۆستۈرۈلىدۇ. سېستىما يېڭىلانغان مەزگىلدە، 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ بارلىق سىرتقا قارىتىلغان كەسىپلىرى ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ؛ 8-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار ۋە شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىدىن باج ئېلىشقا ئالاقىدار كەسىپلەرنى بېجىرىش ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ؛ باشقا كەسىپلەر تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى