تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

«تۆت خىل رەڭلىك» پىدائىيلار ئەترىتى مەسئۇلىيىتىنى يۇقىرى ئۈنۈمدە ئادا قىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر ليۇ يىمىڭ): 8-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 10:00دا، مەھەللە كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىدا «سېرىق ئەترەت» ئەزالىرى كۆكتاتلارنى تەقسىملەپ بولدى، مەھەللە قارىمىقىدىكى ئۈچ ئولتۇراق رايونغا تەقسىملەپ يەتكۈزسە بولىدۇ؛ «يېشىل ئەترەت» ئەزالىرىمۇ ئۆزلىرى مەسئۇل بولغان بىنالارغا كېلىپ، كۈندىلىك دېزىنفىكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشنى باشلىۋەتتى؛ زاكازنى قولىغا ئالغان «كۆك ئەترەت» ئەزالىرىمۇ دورا تەڭشەپ كېلىش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا مېڭىشقا تەييارلاندى.

  بۇ پىدائىيلار ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى بەيگە مەيدانى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى سۇ ئۈستى باغچىسى مەھەللىسىدىن كەلگەن. بۇ 106 كىشىدىن تەشكىللەنگەن پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى ئوخشاش بولمىغان ۋەزىپە تەقسىماتى بويىچە «قىزىل رەڭ»، «سېرىق رەڭ»، «يېشىل رەڭ»، «كۆك رەڭ»دىن ئىبارەت تۆت ئەترەتكە بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەممەيلەن ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، مەھەللىدىكى ئاھالىلەرنى تېخىمۇ ئىنچىكە، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىمەكتە.

پىدائىي دېزىنفىكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش خىزمىتى ئىشلىمەكتە.

  سۇ ئۈستى باغچىسى مەھەللىسىنىڭ خىزمەتچىسى ۋۇ فەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قىزىل رەڭلىك پىدائىيلار ئەترىتى پارتىيە ئەزالىرى مۇلازىمەت ئەترىتى بولۇپ، خۇددى بىر «بۇرما مىخ»قا ئوخشايدۇ، قەيەر ئېھتىياجلىق بولسا، شۇ يەرگە قادىلىدۇ؛ سېرىق رەڭلىك ئەترەت خەلققە قولاي مۇلازىمەت ئەترىتى بولۇپ، ۋەزىپىسى مەھەللىدىكى ئاھالىلەرگە كۈندىلىك لازىمەتلىكلەرنى سېتىۋېلىش، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش؛ يېشىل رەڭلىك ئەترەت مۇھىت تازىلىقى مۇلازىمەت ئەترىتى بولۇپ، يۇقۇم مەزگىلىدىكى نۇقتىلىق خىزمىتى ھەر كۈنى ئولتۇراق رايوننى دېزىنفىكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش؛ كۆك رەڭلىك ئەترەت داۋالاش ئەترىتى بولۇپ، نۇقتىلىق مۇلازىمەت ئوبيېكتى مەھەللىدىكى ياشانغانلار، ھامىلدارلار ۋە مېيىپلەر قاتارلىقلار، ئۇلار ھەر كۈنى غەمخورلۇق قىلىش ۋە ھال سوراش بىلەن بىللە، قەرەللىك ھالدا ئۇلارنىڭ دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ دىياگنوز قويدۇرۇش، داۋالىتىش، دورا تەڭشىتىش، تۇغۇت تەكشۈرتۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.

  «يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، مەھەللىدىكى ئاھالىلەر پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىگە قاتنىشىشغا بەس-بەستە تىزىملاتتى ھەم پىدائىي سانى تېزلا زورىيىپ 100 نەچچە كىشىگە يەتتى. ئادەمنىڭ كۆپ بولۇشى بىزنىڭ ئەۋزەللىكىمىز، بىز خىزمەت ئەمەلىيىتىدە ئەۋزەللىكتىن قانداق پايدىلىنىپ، ئاھالىلەرنى تېخىمۇ سۈپەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ھەققىدە ئويلاندۇق، ئاخىرى مۇشۇنداق مۇلازىمەت شەكلى بارلىققا كەلدى، پىدائىيلارنىڭ خىزمەت تەقسىماتى ئىنتايىن ئېنىق بولۇپ، ھەر بىرەيلەننىڭ مەخسۇس ۋەزىپىسى بار، خىزمەتتە ئىنچىكە بولغانسېرى، پىدائىيلار ئاھالىلەرگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلالايدۇ» دېدى ۋۇ فەن.

پىدائىيلار ئاھالىلەرگە تەقسىملىگەن كۆكتاتلار.

  «دەسلەپتە، بىر ئادەم بىرلا ۋاقىتتا ئادەم دېزىنفىكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش، مال سېتىۋېلىش، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق نۇرغۇن ۋەزىپنى ئۈستىگە ئېلىشى مۇمكىن ئىدى، بەزى ۋەزىپىلەر ئۈستى-ئۈستىلەپ كېلەتتى، شۇڭا ئاز-تولا سەۋەنلىكتىن خالىي بولغىلى بولمايتتى، ئىش تەقسىماتى ئېنىق بولغاندىن كېيىن، كۆپچىلىك دىققىتىنى بىر ئىشقىلا مەركەزلەشتۈردى، ئىش ئۈنۈمىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى» دېدى سېرىق رەڭلىك ئەترەتنىڭ ئەزاسى چى لىلى.

پىدائىيلار «زاكاز» بويىچە كۆكتاتلارنى ئاھالىلەرگە تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بەرمەكتە.

  بۇ تۆت ئەترەت ئىچىدە سېرىق رەڭلىك ئەترەتنىڭ ئەزالىرى ئەڭ كۆپ، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش جىسمانىي كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ئەمگەك بولغاچقا، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ياشلاردىن تەشكىللەنگەن، ئاھالىلەر قانداق مېۋە-چېۋە، كۆكتاتقا ئېھتىياجلىق بولسا، چۈشتىن بۇرۇنلا تاپشۇرۇۋالالايدۇ. بىر قىسىم دورا، تېز يوللانما پوسۇلكىسىغا ئوخشاش نەرسىلەرنى چۈشتىن كېيىن تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

  قاراشلىق رايوندىكى ئاھالە جياڭ خانىمنىڭ دېيىشىچە، ئاھالىلەر يەنە ئۆزىنىڭ ئېھتىياجى بويىچە ئوخشاش بولمىغان پىدائىيلاردىن ياردەم تەلەپ قىلسا بولىدىكەن، «ئولتۇراق رايوننىڭ ۋېيشىن توپىدا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان بىر كۈنلۈك ئىش ئاز ئەمەس، لېكىن ھەممىسى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى».

(سۈرەتلەرنى سۇ ئۈستى باغچىسى مەھەللىسى تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى