تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

شىنجاڭ بىڭتۇەن 6-شىنىڭ ھەرقايسى تۇەن-مەيدانلىرى ئالدىغا ئۆتۈپ مۇلازىمەت قىلىپ، قوغۇننىڭ سېتىلىشىغا تۈرتكە بولدى

ھازىر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 6-شى 102-تۇەننىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى تېرىغان قوغۇن ئاللىبۇرۇن پىشىپ سېتىش مەزگىلىگە كىردى. ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك كۈچى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، بۇ تۇەن 2-ليەن پارتىيە ياچېيكىسى 40 نەچچە پارتىيە ئەزاسى، ئىشچى-خىزمەتچىنى تەشكىللەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسىدا، تەرتىپلىك ئۈزۈپ، خالتىغا ئوراپ، يېشىككە قاچىلىدى. 2-ليەننىڭ ئىشچىسى ياڭ ئېرخۇ ئائىلىسىنىڭ 100 توننىدىن ئارتۇق قوغۇنى ئىچكىرى جايلاردىكى شەھەرلەرگە توشۇلۇپ سېتىلدى، ئۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «ليەندۈي پارتىيە ياچېيكىسى ئالدىغا ئۆتۈپ مۇلازىمەت قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ياردەم قولىنى سۇنۇپ، مېنىڭ غېمىمنى ھەل قىلىپ بەردى».

ھەر يىلقى 7-، 8-ئاي 6-شىنىڭ ھەرقايسى تۇەن-مەيدانلىرىدا قوغۇن پىشىدىغان پەسىل، بۇ يىل 6-شىنىڭ ھەرقايسى تۇەن-مەيدانلىرىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر تېرىغان قوغۇننىڭ ئۆسۈشى ياخشى، مول ھوسۇل ئېلىشىدىن ئۈمىد بار. نۆۋەتتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتىگە قارىتا، ھەرقايسى تۇەن-مەيدانلار، ليەندۈي «ئىككى كومىتېت»ىلىرى پائال تەدبىر كۆرسىتىپ، چارە تېپىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ سېتىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، قوغۇننىڭ ئوڭۇشلۇق سېتىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

فاڭساۋخۇ دېھقانچىلىق مەيدانى 13-ليەنى بۇ يىل 605 مو يەرگە قوغۇن تېرىدى، ھازىر قوغۇن پىشتى، قوغۇن ئۈزۈدىغان، خالتىغا ئورايدىغان، ماشىنىغا قاچىلاپ سىرتقا توشۇيدىغان ئەمگەك كۈچىگە جىددىي ئېھتىياجلىق. 13-ليەن پارتىيە ياچېيكىسى ليەندۈيدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئۆزئارا ياردەم بېرىپ ئۈزۈشكە پائال تەشكىللىدى ھەمدە سېتىش يوللىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، قوغۇننى ئىچكىرى جايلارغا ئوڭۇشلۇق ساتتى.

105-تۇەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئەمەلىي ئەھۋالىغا قارىتا، توردا سېتىش چارىسىنى قوللىنىپ، سىرتقا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇيدىغانلارنى ئەنگە ئالدۇرۇش تۈزۈمى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، قوغۇننىڭ ئوڭۇشلۇق سېتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. بۇ تۇەن 4-ليەننىڭ ئىشچىسى جياڭ جۇڭلياڭ بۇ يىل تېرىغان 50 مو يەردىكى قوغۇن تۇەننىڭ ماسلاشتۇرۇشى ۋە ياردىمى بىلەن ھەممىسى سېتىلىپ، 50 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى. بۇ يىل، 105-تۇەن 21 مىڭ مو يەرگە قوغۇن تېرىدى، ھازىر 4000 مو يەردىكى بالدۇر پىشقان قوغۇن سېتىلىپ بولدى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ھەر مو يەردىن 1000 يۈەندىن ئارتۇق پايدا ئالدى.

(بىڭتۇەن گېزىتىنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇخبىرى لى جيەنخۇا)

شىنجاڭ بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

گۈلپىيە ئابلىز تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل