تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ياردەم بېرىش - يۆلەشنىڭ سالمىقى بار بولدى كارخانا سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئىلگىرىلىدى

شەنشى ئاپتوموبىل پاي كونترول گۇرۇھى شىنجاڭ شىركىتىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق مەھسۇلات قىممىتى % 25.6 ئاشتى

ياردەم بېرىش - يۆلەشنىڭ سالمىقى بار بولدى كارخانا سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئىلگىرىلىدى

[تەھرىر ئىزاھاتى]

بۇ يىلدىن بۇيان، يۇقۇمنىڭ تەسىرى ئالدىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئېھتىياجنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بەردى. بۈگۈندىن باشلاپ گېزىتىمىز «تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن بازار سۇبيېكتىنى قوغداش» تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مۇلازىمەتنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش ئەمەلىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ما يىنىڭ

موتور قۇراشتۇرۇش، كابىنكا قۇراشتۇرۇش، بالون قۇراشتۇرۇش، ماي - سۇيۇقلۇق قاچىلاش... ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)غا جايلاشقان شەنشى ئاپتوموبىل پاي كونترول گۇرۇھى شىنجاڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتىنىڭ باش قۇراشتۇرۇش سېخىدا، 100 نەچچە ئىش تەرتىپى ئارقىلىق، تەخمىنەن ھەر 12 مىنۇتتا بىر ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى قۇراشتۇرۇلۇپ لىنىيەدىن چۈشۈرۈلىدۇ.

8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش باش نازارەتچىسى جۇ ۋېيجۈن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا، گەرچە يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولساقمۇ، لېكىن شىركىتىمىز ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش مىقدارىدا ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتە ئىلگىرىلەپ، جەمئىي 3015 ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقاردى، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25.6 ئاشتى، مەھسۇلات قىممىتى 1 مىليارد يۈەنگە يەتتى».

نەتىجىنىڭ ئارقىسىغا كۆپ تەرەپنىڭ يۈرەك قېنى مۇجەسسەملەنگەن. بۇ يىلنىڭ بېشىدا يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، شەنشى ئاپتوموبىل پاي كونترول گۇرۇھى شىنجاڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى خادىملارنىڭ شىنجاڭغا قايتىشى، ئىش ئورنىغا قايتىشى، خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش، كۆچمە مەبلەغ قاتارلىق جەھەتلەردە، نۇرغۇن قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشقا جىددىي ئېھتىياجلىق بولدى. شۇڭا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئالاقىدار تەرەپلەر كۆپ قېتىم شىركەتكە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرىنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ شىنجاڭغا كىرىشى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى قىس بولۇش ۋە ئىشچى قىس بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىپ، شىركەتنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئوڭۇشلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى. ئالاقىدار تارماقلار كارخانىغا مەخسۇس خىزمەتچى خادىم ئەۋەتىپ، بىر تەرەپتىن ئىشلەپچىقىرىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئەمەلىي قىيىنچىلىقنى ھەل قىلدى، يەنە كارخانىنىڭ كۆپ تۈرلۈك ياردەم بېرىش - يۆلەش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا ياردەم بەردى.

شەنشى ئاپتوموبىل پاي كونترول گۇرۇھى شىنجاڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى كې شيەنجى مۇنداق دېدى: «باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئۈسكۈنىلەرنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، ئىشلەپچىقىرىش مەشغۇلات ئۈنۈمىنى ئۆستۈردۇق، ئىشلەپچىقىرىش دەۋرىنى قىسقارتتۇق، بۇ يىل 5500 ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشنى تىرىشىپ تاماملاپ، مەھسۇلات قىممىتىنى 1 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يەتكۈزىمىز ھەم يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىندىكى كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى يانداش مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 22 مىليون يۈەنگە يېتىشىگە تۈرتكە بولىمىز».

[سىياسەت] ئاپتونوم رايون «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى قوللاش توغرىسىدىكى 16 ماددىلىق تەدبىر»نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى مالىيە، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش، ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش، باج - ھەقنى كېمەيتىش - كەچۈرۈم قىلىش، كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت جەھەتتىن قوللاش، ئېلىم ھېساباتىدىكى قەرزنى تۈگىتىش، مۇلازىمەت كاپالىتى قاتارلىقلارغا چېتىشلىق مۇناسىپ تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ئومۇميۈزلۈك كۈچ قوشتى.

[ئەمەلىيلەشتۈرۈش] ئاپتونوم رايون نۇقتىلىق كارخانىلارغا «بىرگە بىر» ئالاقىلەشكۈچى ئەۋەتىش مېخانىزمى ئورناتتى، ئەۋەتىلگەن خادىم كارخانىغا چوڭقۇر «چۆكۈپ»، ئىشچى ئىشلىتىش، خام ئەشيا، توشۇش، مەبلەغ قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان توسۇق نۇقتا، قىيىن نۇقتىلارنى ھەل قىلىشقا ياردەم بەردى. جۇ ۋېيجۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىركەت ئىشلەپچىقىرىشتا ئېھتىياجلىق زاپچاسلارنىڭ ھەممىسى شىئەندىن ئاپتوموبىل ئارقىلىق شىنجاڭغا توشۇپ كېلىنگەن ئىكەن. يىل بېشىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلار بارلىق ئامال - چارىلەر بىلەن، كۆپ تەرەپتىن ماسلاشتۇرۇپ، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلغاچقا، كارخانا ئوڭۇشلۇق ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشكەن ھەم چاغاندىن بۇرۇنقى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. ھازىرغىچە، شىركەت ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، توك ھەققى بويىچە بەھرىمەن بولغان كېمەيتىلگەن، كەچۈرۈم قىلىنغان سومما جەمئىي 1 مىليون 40 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، يەنە 50 مىڭ يۈەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەخسۇس ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغىدىن بەھرىمەن بولغان. 4 - ئايدا، شىركەت 1000 دانە ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبلى ئىشلەپچىقىرىپ، 2011 - يىلى زاۋۇت قۇرۇلغاندىن بۇيانقى يېڭى سەۋىيەنى يارىتىپ، پولات - تۆمۈر، بالون، توشۇش قاتارلىق كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىنىدىكى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغان. شۇاڭچيەن گۇرۇھى (شىنجاڭ) كوئېنلۇن بالون چەكلىك شىركىتى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا شەنشى ئاپتوموبىل پاي كونترول گۇرۇھى شىنجاڭ شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى 30 مىڭ يۈرۈش بالون بىلەن تەمىنلىگەن، بۇ، 2019 - يىلى پۈتۈن يىللىق مال بىلەن تەمىنلەش مىقدارىدىن ئېشىپ كەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى