8- ئاينىڭ 5- كۈنى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار
مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىلىۋاتقانلارنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىلغاپ چىقىلغان
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لى چۇنشيا، جاۋ چۇنخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شاڭ يۈلەن مۇنداق تونۇشتۇردى: 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھەممىسى مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىلىۋاتقانلارنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىلغاپ چىقىشتا بايقالغان بولۇپ، مەھەللىلەردە يېڭىدىن تارقىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ.
8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى سائەت نۆلدىن سائەت 24كىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى دوكلات قىلغان يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 27، يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 12. 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى سائەت 24كىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھازىر بار بولغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 634، ھازىر بار بولغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 128. 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى سائەت نۆلدىن 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى سائەت 24كىچە، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى جەمئىي 59، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن 46 يۇقۇملانغۇچىنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى.
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدا 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىن بۇيان دولقۇنسىمان تۆۋەنلەش كۆرۈلدى. يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش جەريانىدا، كېسەل قوزغىلىشنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسى تۆۋەنلەيدىغان، ئەمما يەنە كىچىك ھەجىمدە داۋالغۇش ئەگىشىپ كېلىدىغان ئەھۋاللار دائىم كۆرۈلىدۇ. نۆۋەتتە شەھەر بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، قىلچە بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا يول قويۇلمايدۇ.