تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇش، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش خىزمىتىنى ئىلمىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەش كېرەك

شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇش، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش خىزمىتىنى ئىلمىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېي خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى تيەنيۈەن خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتىنىڭ خەلقئارا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئامبىرى ۋە شىنجاڭ جۇڭخې زامانىۋى ئەشيا ئوبوروت باغچىسى ئۈرۈمچى پارچە تۈرلۈك ماللار مەركىزىگە بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇش، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلدى.

شۆھرەت زاكىر يۇقۇم مەزگىلىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇش، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇش، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى مۇھىم ھالقا. ئەشيا ئوبوروتى توشۇش، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش تارماقلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇش، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش خىزمىتىنى ئىلمىي، دەل جايىدا، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى تەمىناتى ۋاقتىدا بولۇش، كاپالەت كۈچلۈك بولۇش، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ مىقدارى تولۇق بولۇش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ باھانى مۇقىملاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى پۇختا ماددىي ئەشيا كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئاپتونوم رايوندىكى قاتناش - تىرانسپورت تارماقلىرى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرى ئەشيا ئوبوروتى توشۇش، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش كارخانىلىرى بىلەن بولغان ئۇدۇللىشىش، ئالاقىلىشىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۈچەيتىپ، مەسىلە يۆنىلىشى، نىشان يۆنىلىشى، نەتىجە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشىغا ۋاقتىدا ياردەم بېرىشى، بولۇپمۇ ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشنى كۆزلىشى كېرەك. توشۇش، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش تەرتىپىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەم توشۇش، تەقسىملەپ يەتكۈزۈشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى يېپىق ھالقىلىق باشقۇرۇشتىن ئىبارەت يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى قاتتىق، ئىنچىكە، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يەنە توشۇش «يېشىل يولى» ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇش، تەقسىملەپ يەتكۈزۈشنىڭ راۋان، توسالغۇسىز، قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەڭ كۈچەيدىغان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىدە تۇرماقتا، ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى قىلىدىغان قەيسەر ئىستىلنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېپىق شەكىلدە باشقۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك تەلەپلەرنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تۈردە تۈرلۈك جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. كۈچنى ئىلمىي تەڭشەپ، تەقسىملەپ، ماددىي ئەشيا كاپالىتى خىزمىتىنى بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ياخشى ئىشلىشى كېرەك. چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پىسخىكىلىق يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۆيىدە خاتىرجەم تۇرىدىغان، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە زىچ ھەمكارلىشىدىغان قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ