تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى ئۇقتۇرۇش تارقاتتى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى «ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارت نەمۇنىلىك رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، يۇقۇم ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەڭ كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرماقتا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، قەتئىي ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشى، غەلىبە قىلىشى كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىش كېرەك. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ھەممىسى ئۆزى ئۈلگە بولۇش، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىپىسى ئەڭ مۈشكۈل، ئامما ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا بېرىپ، بىرىنچى سەپكە بېرىپ قوماندانلىق قىلىپ، بىرىنچى سەپتە تۇرۇپ كۈرەش قىلىشى كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى جەزمەن كاللىسىنى سەگەك تۇتۇپ، قەتئىي ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ھازىرقى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە ۋە ئەڭ مۇھىم خىزمەت قىلىپ، گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈش ئومۇمىي تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ «تۆت تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتى»نى چىڭىتىش، «تۆت بالدۇر»، «تۆتنى مەركەزلەشتۈرۈش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلىرى بويىچە، ۋەزىپىلەرنى تۈرمۇتۈر ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى دەرىجىمۇدەرىجە چىڭىتىپ، ماددىمۇماددا سېلىشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھېرىپ - چارچاشتىن قورقماي، ئۇدا جەڭ قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قەتئىي ئاخىرغىچە تۇتۇپ، پۇختا، ئۈنۈملۈك خىزمەت ئارقىلىق، ئۈرۈمچى شەھىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: كەڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ۋەزىپىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كەڭ كۆلەمدە ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئاممىنى تەشكىللەپ، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئامما ئالدىنى ئالىدىغان، ئامما تىزگىنلەيدىغان پۇختا مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلىپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ئېغىرلىق مەركىزىنى تۆۋەنگە يۆتكەش، ئۆتكەلنى ئالدىغا سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەھەللە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى چىقارغان خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، ئوتتۇرىغا قويغان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىگە قارىتا، كەڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئاخىرغىچە ئىزچىللاشتۇرۇپ، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەشكىللەپ سەپەرۋەر قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قورغىنىنى مۇستەھكەم قۇرۇپ، پارتىيە بايرىقىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇشى كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار باتۇرلۇق بىلەن ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىشنى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى نامايان قىلىشنىڭ سىن تېشى ۋە بىلەي تېشى قىلىپ، «پارتىيە ئەزالىرى زەربىدارلار ئەترىتى» «پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى»گە پائال قاتنىشىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتۈش ئۈلگىسى، باشلامچىلىق بىلەن پىدائىيلار مۇلازىمىتى قىلىش ئۈلگىسى، باشلامچىلىق بىلەن ئامما خىزمىتىنى قىلىش ئۈلگىسى، باشلامچىلىق بىلەن چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈلگىسى بولۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئاچقۇچلۇق كۈچنى ئىشقا سېلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى دوختۇر - سېسترالار، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەتچى خادىملار، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە پىدائىيلارغا چىن ھېسسىيات بىلەن كۆيۈنۈپ، بىرىنچى سەپتىكى خىزمەت كۈچلىرىنى ئىلمىي تەقسىملەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى نورمال خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىك شەرتى ئاستىدا، نۆۋەتلىشىپ ئىشلەشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىرىنچى سەپتىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ ۋاقتىدا دەم ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىنىڭ ئېھتىياجىغا ئالدىن كاپالەتلىك قىلىپ، بىرىنچى سەپتىكى قىيىنچىلىقى بار خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئائىلىسىنى ياردەم بىلەن تەمىنلەپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئاممىنى يېتەكلەپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىش ئاكتىپچانلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى ئۇرغۇتۇشى كېرەك. بىرىنچى سەپتىكى خىزمەتچى خادىملارنى بىخەتەرلىك بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، شەخسىي مۇداپىئەلىنىشىنى ياخشى ئىشلەپ، روھىي بېسىمىنى يېنىكلىتىپ، جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئارىسىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش جەريانىدا مەيدانغا كەلگەن ئىلغار تىپلارنى بايقاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەت بىرىنچى سەپتىكى خىزمەتچى خادىملارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، كۆيۈنىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى