كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن 12 يۇقۇملانغۇچىنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىن خەۋەر قىلىدۇ: گوۋۇيۈەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرلىكتە دىياگنوز قويۇپ باھالىشى ئارقىلىق، 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان 20 ئاغرىق دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىپ، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاغرىق مىسالى؛ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن 12 يۇقۇملانغۇچىنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە 11ى ئۈرۈمچىدە، بىرى بىڭتۇەندە.
ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا بىرلەشمە داۋالاش ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لېي ۋېي مۇنداق تونۇشتۇردى: دوختۇرخانىغا كىرگەندىن كېيىن، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋە دوختۇر - سېسترالار كوللېكتىپىنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇشى - داۋالىشى، كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشى بىلەن، يۇقىرىقى ئاغرىق مىساللىرىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى سىجىل ياخشىلاندى، نەپەس يولى كېسەللىك قوزغاتقۇچى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئۇدا ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق مەنپىي چىقتى، تۈرلۈك خىمىيەلىك تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچى، ئۆپكە قىسمىنى رېنتىگېنلىق تەكشۈرۈش نەتىجىسى، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ ھەممىسى نورمال بولۇپ، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى دىياگنوز قويۇپ داۋالاش لايىھەسى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان 7 - نۇسخىسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)»دىكى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن.