تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «تەنھەرىكەت چەمبىرىكى» ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جىڭ بو خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى 12 - قېتىملىق «ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش كۈنى»، بۇ يىللىق پائالىيەتنىڭ باش تېمىسى «ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشقا كۈچ قوشايلى.» ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تەنتەربىيە تارماقلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، كۆپ خىل شەكىلدىكى ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يۇقۇم مەزگىلىدىكى ئىشتىن سىرتقى تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، «تەنھەرىكەت چەمبىرىكى»نى كېڭەيتتى، تېخىمۇ كۆپ كىشى تەنھەرىكەتنى ياخشى كۆرىدىغان بولدى.

7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان 4 - پەسىللىك «ئائىلىدە بۇلۇت بەدەن چېنىقتۇرۇش تەنھەرىكەت يىغىلىشى» باشلاندى. مۇخبىرنىڭ پائالىيەت باش بېتىدىن كۆرۈشىچە، 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنىگىچە 1067 ماھىر قاتناشقان بولۇپ، جەمئىي ئالقىشلىنىش مىقدارى 110 مىڭدىن ئاشقان، باش بەتنى زىيارەت قىلىش مىقدارى 2 مىليون 250 مىڭ قېتىمغا يەتكەن.

ياشانغانلاردىن بالىلارغىچە ھەممىسى بۇ شادلىققا چۆمگەن تەنھەرىكەت يىغىلىشىغا قاتناشتى، ئۇلار يوللىغان سىنلار بەدەن چېنىقتۇرۇش گىمناستىكىسى، تەيجى گۇمپىسى، شەكىل چىقىرىپ تەپكۈچ تېپىش، ئارغامچا سەكرەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، كۆپچىلىك ھەرىكەت قىلىش جەريانىدا خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولۇپ، قېرىنداشلىق مېھرىنى كۈچەيتتى.

5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش − تەنتەربىيە لاتارىيەسى لوڭقىسى» تۇنجى نۆۋەتلىك تور ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى باشلىدى، 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنىگىچە، ھەر كۈنى قاتنىشىپ داكا قىلغانلار 10 مىڭ ئادەمدىن ئېشىپ، مۇسابىقىگە قاتناشقانلار 70 مىڭدىن ئېشىپ، ئىلى ئوبلاستى ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيانقى ئاممىنىڭ قاتنىشىش نىسبىتىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى.

پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلار، ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەرمۇ بەس - بەستە «ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش كۈنى» يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، توردا مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش، ئىلمىي بەدەن چېنىقتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش ئوچۇق دەرسى تەسىس قىلىش، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ ئوقۇتۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنىڭ ئىلمىي بەدەن چېنىقتۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، «ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش كۈنى» تور پائالىيىتى ئوتتۇرىغا چىقىرىلغاندىن كېيىن، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما پائال قاتناشقان. ھەر دەرىجىلىك تەنتەربىيە تەشكىلاتلىرى ۋىيشىن، QQ، ئاممىۋى نومۇر قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق پائالىيەتنى پۇقرالارنىڭ ئەتراپىغا يەتكۈزۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون مىقياسىدا ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش قىزغىنلىقىنى قوزغىغان.

توردا ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، توردىكى ئادەم سانى تېز كۆپىيىپ، جانلىق ئابۇنىچىلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئېشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش «دوستلار چەمبىرىكى» ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، كىشىلەر ئورتاق تەنھەرىكەت قىزىقىشى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىزدىنىپ، شادلىققا چۆمۈپ، بەدىنىنى كۈچلەندۈرۈش، ساغلاملاشتۇرۇش بىلەن بىللە، يەنە خۇشال كەيپىياتقا ئېرىشتى.

«تېخىمۇ كۆپ كىشىنى تۇرمۇشتا <ھەرىكەت>كە كەلتۈرگەندىلا، <ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە كۈچ قوشۇش>تەك تەنتەربىيە قىممىتى ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ئاممىۋى تەنتەربىيە باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جەي خۇڭفېي.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى