تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئاشپەزلىك ھۈنىرى كۆرسىتىلدى، ماھارىتى نامايان قىلىندى، دوست - بۇرادەرلەر، قولۇم - قوشنىلار بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق ئۆتتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاڭ يەنفاڭ، يۈ مېڭرەن، مېھرىگۈل غوپۇر

مەززىلىك تائاملارنى تەييارلاش، بەدەن چېنىقتۇرۇپ ھەرىكەت قىلىش، كىتاب ئوقۇش، رەسىم سىزىش... يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىدە دوستلار، قولۇم - قوشنىلار ۋىيشىن، سىن ئارقىلىق، ئۆزگىچە بايرامنى بىللە ئۆتكۈزدى ھەم ئۆزئارا قەلب رىشتىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

مەن سىزگە پىنتاڭ ئېتىشنى ئۆگىتىپ قوياي

پىنتاڭ، پولۇ، ساڭزا... 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى شىمالىي نەنخۇ يولى شەرقىي مەھەللىسىدىكى ئاھالە چىپارگۈل زامان يەنە ئۆزى ئەتكەن مەززىلىك تائاملارنى سۈرەتكە تارتىپ مۈلۈك ئىگىلىرى ۋىيشىن توپىغا يوللىدى.

«پولۇنىڭ رەڭگىدىن قارىغاندا بەك ئوخشىغاندەك قىلىدۇ، يېگۈمىز بەك كەلدى!» «بۇنداق چىرايلىق تورتنى قانداق ياسىدىڭىز؟» قوشنىلارنىڭ سوئالىغا چىپارگۈل سەۋرچانلىق بىلەن بىر - بىرلەپ جاۋاب قايتۇردى. «بۇ بايرامدا سىرتقا چىقالمىغان بولساقمۇ، لېكىن قوشنىلار ئارا بەخت تىلەش ۋە ھەمتۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، بەخت تۇيغۇمىز تولۇپ تاشتى» دېدى ئۇ.

چىپارگۈلنىڭ شىمالىي نەنخۇ يولى شەرقىي مەھەللىسىدە تۇرۇۋاتقىنىغا تۆت يىل بولدى، قوشنىلار بىلەن ناھايىتى ئېجىل - ئىناق ئۆتىدۇ، بولۇپمۇ ۋاڭ يۇڭلياڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن دائىم ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، قېرىنداشلارچە دوستلۇق رىشتى ئورناتتى. چىپارگۈل بالىسى تېخى كىچىك بولغاچقا، ئادەتتە ۋاڭ يۇڭلياڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىنى خېلى كۆپ ئاۋارە قىلغانلىقىنى ئېيتتى. چىپارگۈل يوللىغان پىنتاڭنىڭ سۈرىتىنى كۆرۈپ، ۋاڭ يۇڭلياڭمۇ ئۇنىڭدىن ئۆگىنىشكە ئالدىراپ كەتتى. چىپارگۈل تەييارلاشقا تېگىشلىك يېمەكلىك ماتېرىيالىدىن تارتىپ ئېتىشنىڭ ھەربىر باسقۇچلىرىغىچە ھەممىسىنى سۈرەتكە تارتىپ ۋاڭ يۇڭلياڭغا يوللاپ بەردى. «ئىلگىرى بايراملاردا مەن ئاكام بىر ئائىلە كىشىلىرىنى ئۆيگە مېھمان بولۇشقا چاقىراتتىم» دېدى ئۇ.

چىپارگۈل مۇنداق دېدى: «مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە پىدائىيلارغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن، مانا مۇشۇنداق كۆپ ئادەمنىڭ ئەجرى بولغاچقا، بىز ئۆيدە خاتىرجەم ئولتۇرۇۋاتىمىز. يۇقۇم ئاخىرلاشقاندا، مەن چوقۇم قولۇم - قوشنىلار ۋە مەھەللە كادىرلىرىنى ئۆيۈمگە پىنتاڭ ئىچىشكە تەكلىپ قىلىمەن».

بىر پارچە رەسىم ئاچا - سىڭىللار مېھرىنى يەتكۈزدى

«قارىڭە، مەن ئالايىتەن بىر پارچە رەسىم سىزدىم، بۇ، بىزنىڭ بىللە ئولتۇرۇپ پولۇ يەپ، ئەتكەنچاي ئېچىۋاتقان كۆرۈنۈشىمىز، گەرچە كەسپىي رەسساملاردەك سىزالمىساممۇ، لېكىن كۆڭلۈمنى ئىپادىلىدىم.» 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى خۇڭشىيۆ مەھەللىسىدىكى ئاھالە ئەن شىن ۋىيشىن سىنى ئارقىلىق يېقىن دوستى رىزۋانگۈل روزىغا بەخت تىلىدى.

«مېنى ئوخشىتىپ سىزىپسىز، كېلەر قېتىم ئۆيۈمگە كەلگەندە چوقۇم رەسىمنى ئالغاچ كېلىڭ، مەن ياخشى ساقلاپ قويىمەن.» سىندا ئىككىيلەن ناھايىتى خۇشال پاراڭلاشتى.

ئەن شىن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر گىرىم بۇيۇملىرى توپ سېتىش سودا شەھەرچىسىدە گىرىم بۇيۇملىرى تىجارىتى قىلىدۇ، رىزۋانگۈل بولسا يەسلى ئوقۇتقۇچىسى. ئون يىل ئىلگىرى، ئىككىسى دوستلار يىغىلىشىدا تونۇشۇپ قالغان. ئورتاق قىزىقىشى، ئۆزئارا چىقىشىدىغان مىجەزى بىلەن ئۇلار بىر كۆرۈشۈپلا يېقىن دوستلاردىن بولۇپ، دوستلۇقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى.

2017 - يىلى ئەن شىننىڭ دادىسى تۇيۇقسىز ئاغرىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغاندا، رىزۋانگۈل دوختۇرخانىدا ئىزچىل ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدى. بوۋاينىڭ ياخشى ئوزۇقلىنالماسلىقىدىن ئەنسىرەپ، رىزۋانگۈل ھەركۈنى خىلمۇخىل سۇيۇق - سەلەڭ ھەم قۇۋۋەتلىك تاماقلارنى ئېتىپ دوختۇرخانىغا توشۇدى. 2018 - يىلى رىزۋانگۈلنىڭ ئاپىسىنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرماقچى بولغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئەن شىنمۇ بىرىنچى ۋاقىتتا دوختۇرخانىغا يېتىپ كەلدى...

تۇرمۇشتىكى ئۇششاق - چۈششەك ئىشلاردا ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ قەلبى بارغانسېرى يېقىنلاشتى. «مۇشۇ يىللاردا، بىز بىر - بىرىمىزنىڭ خۇشاللىقى، غەم - قايغۇسىغا ئورتاقلاشتۇق، ھەپتىدە بىر - ئىككى قېتىم كۆرۈشىمىز، چاغان ياكى قۇربان ھېيت بولسۇن، بىز بىر يەرگە جەم بولىمىز، ئاللىبۇرۇنلا بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ كەتتۇق» دېدى رىزۋانگۈل.

«مەن ئادەتتە رەسىم سىزىشنى ياخشى كۆرىمەن، بۇنداق ئۇچراشماي جەم بولۇشمۇ ياخشى بولىدىكەن، رەسىم ئارقىلىق سىڭلىمغا بولغان گۈزەل تىلەكلىرىمنى ئىپادىلىدىم، بىز بىر ئۆمۈر ياخشى ئاچا - سىڭىللاردىن بولۇپ ئۆتىمىز» دېدى ئەن شىن.

ئۆيدە تۇرۇۋاتقاندىمۇ ھەرىكەت قىلىش

«ئۇكام، تىلىكىڭىزگە رەھمەت، بايرام خۇشاللىقى بىرگە بولسۇن، مەززىلىك تائاملارنى يەپ بولۇپ، ھەرىكەت قىلىشنى ئۇنتۇماڭ».

«يەر بېغىرلاش، پۇتىنى كۆتۈرۈش، قورساق قاتلاش، ئولتۇرۇپ قوپۇش ھەرىكىتىنىڭ ھەربىرىدىن 100نى ئىشلىدىم! سىزمۇ غەيرەت قىلىڭ...»

بۇ مەزگىلدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق خۇيزۇ يىگىت جىن جې ۋە ئۇنىڭ يېقىن ئۇكىسى جاۋ شياۋپېڭ ھەر كۈنى ئۈندىداردا ھەرىكەت ئىشلەپ داكا قىلىپ، ئۆزئارا ئىلھام بېرىپ، بەدەن چېنىقتۇردى.

«ئىلگىرى بىز دېيىشىپ چېنىقىش ئورنىدا ياكى دالىدا چېنىقاتتۇق، بۇ مەزگىلدە بىز ئۆيدە بەدەن چېنىقتۇردۇق» دېدى جىن جې.

جىن جې ئۈرۈمچىدىكى بىر چېنىقىش ئورنىنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش تىرېنېرى، جاۋ شياۋپېڭ ئادۋوكات بولۇپ، ئىككىيلەن بەدەن چېنىقتۇرۇش سەۋەبىدىن تونۇشۇپ قالغان. «شياۋپېڭ بىلەن تونۇشقىنىمغا ئالتە يىل بولدى، دەسلەپتە ئۇ مېنىڭ كۇرسانتىم ئىدى، مىجەزلىرىمىز بىرقەدەر ئوچۇق - يورۇق، خۇي - پەيلىمىز ماس كەلگەچكە، ئادەتتە بىللە بەدەن چېنىقتۇرۇپ، بىللە تاماق يەيتتۇق، قانداقلا غەم - قايغۇمىز بولسا ئۆزئارا تەسەللى بېرەتتۇق، كىم قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا ياردەم قىلاتتۇق، ھازىر ياخشى ئاكا - ئۇكىلاردىن بولۇپ قالدۇق» دېدى جىن جې.

«ئۆيدە تۇرۇۋاتقان شەھەر ئاھالىلىرىنىڭمۇ بىز بىلەن بىللە ھەرىكەت قىلىپ، بەدىنىگە كۈچ تولۇقلاپ، ساغلام روھىي ھالەت ۋە ساغلام تەن يېتىلدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى جىن جې.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى