تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇمغا قارشى جەڭدىكى ئۈچ ئاچا - سىڭىل

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىن خەۋىرى، شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى

رېن خۇڭيىڭ (سولدا)، لى يۈەنيۈەن (ئوڭدىن 1 - كىشى)، ۋاڭ لىشيا (ئوڭدىن 2 - كىشى) بىرلىكتە پەرۋىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرماقتا.

8- ئاينىڭ 6 - كۈنى، بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ 1 - بىنا 3 - ئاغرىقلار رايونىدا، رېن خۇڭيىڭ (ئوڭدا) ئاغرىقلار رايونىغا كىرمەكچى بولغان خىزمەتدىشىنىڭ مۇداپىئەلىنىشىگە ياردەملەشمەكتە.

8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ 4 - بىنا 8 - ئاغرىقلار رايونىدا، خىزمەتدىشى ۋاڭ لىشيانىڭ (ئوڭدا) ماسكا زەخىملەندۈرگەن يارا ئېغىزىنى بىر تەرەپ قىلماقتا.

8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ 4 - بىنا 8 - ئاغرىقلار رايونىدا، ۋاڭ لىشيا ئاغرىقلار بىلەن بىرلىكتە ساغلاملىق ئۇسسۇلى ئوينىماقتا.

«يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش ئالدىنقى سېپىدىكىلەر تۆھپىدە بەسلەشتى، جەڭ مەيدانىدىكى قىزىلگۈللەر ئۆزگىچە جۇلالاندى». ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدا ئۈچ «ئاچا - سىڭىل» بار، ئۇلار ۋۇخەندىكى «يۇقۇم»غا قارشى جەڭگە بىرلىكتە قاتناشقانىدى. ئۈرۈمچىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يېڭىدىن يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئۇلار يەنە مەسلىھەتلىشىۋالغاندەكلا جەڭگە قاتنىشىش ئىلتىماسى يېزىپ، يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىگە كېلىپ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىۋاتىدۇ.

ئۈچەيلەننىڭ ھەممىسى ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسىدىكى غوللۇق سېسترالار باشلىقى بولۇپ، بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ ئىككى ئاغرىقلار رايونىدىكى 81 كارىۋاتنىڭ پەرۋىش قىلىش خىزمىتىنى تولۇق ئىشتاتلىق باشقۇرۇۋاتىدۇ.

ۋاڭ لىشيا ئىچ مىجەز، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، ئىككى ئاغرىقلار رايونىنىڭ يۇقۇملىنىشنى تىزگىنلەش خىزمىتىگە مەسئۇل، يۇقۇملنىشنى تىزگىنلەش تەرتىپى، ئاغرىقلار رايونىنى دېزىنفېكسىيەلەش، ئەخلەت تازىلاش - توشۇش... ئۇنىڭ خىزمەت تەلىپى قاراڭغۇ بۇلۇڭ قالدۇرماسلىق.

رېن خۇڭيىڭ ئەقىللىق، زېرەك، ناھايىتى يېقىشلىق بولۇپ، ئاغرىقلار ئۇنىڭ گېپىنى ھەممىدىن بەك ئاڭلايدۇ.

لى يۈەنيۈەن مۇلايىم، ئەستايىدىل بولۇپ، ھەرقانچە قىيىن پەرۋىش خىزمىتىنىمۇ تەرتىپلىك بىر تەرەپ قىلالايدۇ.

ئۇلار خىزمەتتە ياخشى ماسلىشىدۇ، تۇرمۇشتا بىر - بىرىنى چۈشىنىدۇ، قەدىرلەيدۇ.

ئۇلار ھەر كۈنى «سۇنى ئاز ئىچىش، يېرىم تويۇنۇش» خىزمەت پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ ئاغرىقلار رايونىغا كىرىدۇ، ئاغرىقلار ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى ماختىشىدۇ؛ ئۇلار ئۈچ كىشىلىك «مۇڭدىشىپ داۋالاش» ئەترىتى قۇرۇپ، سەۋرچانلىق بىلەن ئاغرىقلارنى كەيپىياتىنى تەڭشەشكە يېتەكلىدى؛ ئۇلار كىچىك ياڭراتقۇ تېپىپ، يېنىك ئاغرىقلار بىلەن بىرلىكتە سەككىز بۆلەكلىك گىمناستىكا مەشىق قىلىدۇ، ساغلاملىق گىمناستىكىسى ئوينايدۇ...

بارلىق دوختۇر - سېسترالارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ داۋالىشى، كۈتۈشى بىلەن، نۆۋەتتە ئۇلار باشقۇرۇۋاتقان ئىككى ئاغرىقلار رايونىدىكى 18 ئاغرىق ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى. «ئاغرىقلارنىڭ سالامەتلىكى ئارقا - ئارقىدىن ئەسلىگە كېلىپ دوختۇرخانىدىن چىقىۋاتىدۇ، بۇ غەيرىتىمىزنى ئۇرغۇتتى!» ئۈچ ئاچا - سىڭىل قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «يۇقۇم ئاخىرلاشمىسا، بىزمۇ چېكىنمەيمىز، بىز ئاغرىقلار بىلەن بىرلىكتە يۇقۇمغا قارشى جەڭ قىلىمىز!»

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى