تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز چىن جىنلى خەۋىرى، سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن): «ھەدە، ئاۋۇ تۆت تاختا تۇخۇمنىمۇ سېلىپ بېرىڭ، يەنە ئورۇن بار...» ھەر كۈنى ئەتتىگەندە، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى دوڭمېن تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى جىيەنگو جەنۇبىي يولى شىمالىي مەھەللىسىنىڭ خىزمەتچىسى كۆكتات دۇكىنىدا ئاھالىلەر ئېھتىياجلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋالغاندا، ئالىمجان غوجاخمەت ھەمىشە ئامال بار كۆپرەك قاچىلايتتى، بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىتتىرگەن ھارۋا كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ قالاتتى. «كۆپرەك قاچىلىسام، ئۈنۈم تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.» 27 ياشلىق ئالىمجاننىڭ سۆزى، خىزمىتىگە قىلغان مۇئامىلىسىگە ئوخشاشلا سەمىمىي ئىدى.
ئون نەچچە كۈندىن بۇيان، ئۇنىڭ بىلەكلىرى يوغىناپ قالدى
ئون نەچچە كۈندىن بۇيان، ئالىمجان بۇ ھارۋا بىلەن ئۆزى مەسئۇل بولغان 60 ئائىلىنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى، ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەر دېرىزىدىن ئۇنىڭ دائىم ھارۋا ئىتتىرىپ خىزمەتداشلىرى بىلەن ئالدىراش يۈرىدىغانلىقىنى كۆرەتتى، شۇڭا، ئاھالىلەر توپىدا كۆپچىلىك ئۇنى «ھارۋا پالۋان» دەپ چاقىرىشاتتى.
ماددىي ئەشيالار بىلەن لىق قاچىلانغان ھارۋىنى كونترول قىلىش ھەقىقەتەن ئادەم سىنايدۇ. دەسلەپتە ئۇنىڭ تەجرىبىسى كەمچىل ئىدى، بىر قېتىم گۈرۈچ، ئۇن، ياغ قاتارلىقلارنى لىق قاچىلىۋېلىپ، ھارۋا ئېغىرلىشىپ كەتكەچكە، ئالىمجان ھارۋىنى سۆرەپ كېتىۋاتقاندا ھارۋا ئۆرۈلۈپ كېتىپ، نەرسىلەر چېچىلىپ كېتىدۇ، ئۇ نۇرغۇن كۈچ سەرپ قىلىپ ھارۋىنى ئوڭشاپ، يەردىكى نەرسىلەرنى پاكىزلاپ، قايتىدىن قاچىلايدۇ. بۇ ئىشلارنى قىلىپ بولغىچە كەتكەن 10 مىنۇت ۋاقىت ئىچىدە، مۇداپىئە كىيىمىنىڭ ئىچكى قەۋىتى ئۇنىڭدىن ئاققان تەردىن سۇ بولۇپ كېتىدۇ. ئالىمجان كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «شۇ چاغدا ئۆزۈمنىڭ ئىش قىلغاندا ئىلمىيلىككە ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكىمدىن ئاغرىندىم، يەنە ئېغىر نەرسىلەرنى ئىتتىرىش توغرا كەلسە، چوقۇم بىر خىزمەتدىشىمنى ياندا يۆلەتكۈزۈپ مېڭىپ، تەڭپۇڭلۇقنى تېخىمۇ ياخشى ساقلايمەن».
بىرنەچچە قېتىمدىن كېيىن، ئالىمجان ھارۋىنى بارغانسېرى سالماقلىق بىلەن ئىتتىرىدىغان بولدى، ھەر كۈنى ھارۋا بىلەن ماددىي ئەشيالارنى پەقەت ئۈچ قېتىم توشۇسىلا بارلىق نەرسىلەرنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بولىدۇ. «ئەڭ كۆپ بولغاندا، ھارۋىغا 100 كىلوگىرام ئەتراپىدا قاچىلىساممۇ مەن ئۈچۈن ھېچ گەپ ئەمەس، ئۈنۈممۇ يۇقىرى بولىدۇ، ئامال بار ئاھالىلەرنى بەك ئۇزاق ساقلاتماسلىقنى ئويلىدىم. ئون نەچچە كۈندىن بۇيان، بىلىكىمنىڭ خېلىلا يوغىناپ قالغانلىقىنى، خېلى كۈچلۈك بولۇپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلدىم، بۇمۇ بىرخىل بەدەن مەشىقى» دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.
ھەرۋاقىت چاقىرىشى ئۈچۈن تېلېفون نومۇرىنى يالغۇز تۇرىدىغان ياشانغانلارغا قالدۇردى
ئالىمجان ھەر كۈنى سائەت توققۇزدا ئۆيىدىن چىقىدۇ، ئالدى بىلەن ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلەش نۇقتىسىغا بېرىپ ئاھالىلەر تىزىملاتقان ماددىي ئەشيالارنى سېتىۋېلىپ، ئاندىن ئۆزى مەسئۇل بولغان بىناغا ئاپىرىپ، ماددىي ئەشيالارنى كۆتۈرۈپ بەش قەۋەتنىڭ ھەممىسىگە يامىشىپ چىقىدۇ، «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى ئەڭ جاپالىق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، مېنىڭچە يەنىلا خىزمەت ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. شۇڭا ھەر قېتىم ماددىي ئەشيالارنى يەتكۈزگىلى بارغاندا، تېمپېراتۇرا ئۆلچىگۈچ ۋە خاتىرە دەپتىرىنى ئېلىۋېلىپ، تېمپېراتۇرا ئۆلچەش، تىزىملاش قاتارلىقلارنى خىزمەتلەرنىڭ ھەممىنى بىللە قىلىمەن. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ھەربىر ئائىلىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئورنىغا ئاپىرىمەن. چۈشتىن بۇرۇن بۇ ئىشلارنى تۈگىتىپ، چۈشتىن كېيىن ئىككىنچى كۈنى ئاھالىلەر ئۈچۈن ۋاكالىتەن بېجىرىدىغان ئىشلارنى تىزىملاپ، بىر قىسىم ئاھالىلەرنىڭ ۋاقىتلىق، ئالاھىدە ئېھتىياجىنى ھەل قىلىپ بېرىمەن» ئالىمجان ئۆزىنىڭ خىزمەت ۋاقتىنى ناھايىتى ئىنچىكە پىلانلىغانىدى.
8-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئولتۇراق رايوندىكى ھامىلدار ئايال شياۋ پاڭ تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈتۈشنى قىلىش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا بارغاندا، ئالىمجان باشتىن-ئاخىر ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدى. «ئېرىم ئۆيدە بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان بولغاچقا، ئالىمجان ماشىنا تېپىپ مېنى دوختۇرخانىغا ئاپاردى، ئاستىنقى ئۈستۈنكى قەۋەتلەرگە قاتراپ رەسمىيەت بېجىرىپ پۇل تاپشۇردى، ئۇ يەنە مېنى ئۆيگە ئەكىلىپ قويدى، ئۇنىڭدىن ئىنتايىن مىننەتدار بولدۇم، بىزنىڭ ئاھالىلەر توپىدا، ھەر كۈنى ئالىمجاننى ماختايدىغانلار بار، ئۇنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بىز ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ، قىلغان سۆزلىرى قەلبىمىزنى ئىللىتىدۇ، دەيدۇ» دېدى شياۋ پاڭ.
بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، ئالىمجان ئۆيگە قايتىپ باقمىدى، ھەر كۈنى پەقەت سىن ئارقىلىق ئايالى ۋە ئىككى ياشلىق قىزى بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرىدۇ. «مەھەللىمىزدىكى ھەربىر خىزمەتدىشىمىز ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشۇۋاتىدۇ، دۇ شياۋلى بىلەن يۆ لېينىڭ ئۆيى گەرچە ئۆزى مۇلازىمەت قىلىۋاتقان ئولتۇراق رايوندا بولسىمۇ، لېكىن ئەزەلدىن قايتىپ باقمىدى. ئۇلارنىڭ بالىلىرى ئاپىسىنى سېغىنغاندا، دېرىزە ئالدىغا بېرىپ قاراپ، ئاپىسىنى ھويلىدا ئۇچرىتىپ قېلىشنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىدۇ، يىراقتىن قول پۇلاڭلىتىۋالسىمۇ خۇشال بولىدۇ»، ئۇ مۇنداق دېدى، قىيىنچىلىق ۋە ئايرىلىش ۋاقىتلىق، كۆپچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن خىزمەت قىلسىلا، يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغان پەيتنى بالدۇرراق كۈتۈۋالغىلى بولىدۇ.