تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 29 قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى 24 سائەت خىزمەت يۈرگۈزدى

  تىيانشان تورى خەۋى(مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن توڭيۈەن، جانات تولقىن): 8-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 17:00دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا 21-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ ۋېي يۇقۇم مەزگىلىدىكى ھەر قايسى قىزىتما ئامبۇلاتورىيەلىرىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  «قىزىتما ئامبۇلاتورىيەلىرى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى ئىلغاپ تەكشۈرۈشتىكى مۇھىم <ئالدىنقى قاراۋۇل>، شۇنداقلا شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم كاپالەت. بۇ قېتىمقى يۇقۇمدىن بۇيان، شەھىرىمىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپى ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، جەمئىي 29 قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى تەسىس قىلىپ، 24 سائەت خىزمەت يۈرگۈزدى. بىز ئالاقىدار ئۆلچەملەرگە ئاساسەن، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەلىرىنى باشقۇرۇپ، داۋالاش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىش ۋە گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشتىن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ساقلاندۇق» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ ۋېي.

  بىرىنچى، دوختۇرخانىغا كىرىشتىكى ئالدىن تەكشۈرۈش، ئايرىپ تەكشۈرۈش كۈچەيتىلدى. ئۆتكەلنى ئالدىغا سۈرۈپ، جىددىي قۇتقۇزۇش كىرىش ئېغىزىدا ئالدىن تەكشۈرۈش، ئايرىپ تەكشۈرۈش تارماق نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، كەسپىي ئىقتىدارى ۋە تەجرىبىسى بار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمى دوختۇرلىرى ياكى ئالاقىدار كەسپىي دوختۇرلارنى كېسەل كۆرۈشكە ئەۋەتىپ، قىزىغان بىمارلار ۋە يۇقىرى دەرىجىدە گۇمان قىلىنغان بىمارلارغا مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىگە يۆتكەپ دىياگنوز قويۇلدى.

  ئىككىنچى، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى تەسىس قىلىش قېلىپلاشتۇرۇلدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپىگە ئاساسەن، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىنى ھويلىدىكى مۇستەقىل رايونغا تەسىس قىلىپ، ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيە، جىددىي قۇتقۇزۇش قاتارلىق رايونلار بىلەن ئەمەلىي فىزىكىلىق ئايرىش توسىقى ئورنىتىپ، باشقا قۇرۇلۇش، ئاممىۋىي سورۇنلار بىلەن بەلگىلىك ئارىلىق ساقلاپ، مۇستەقىل كىرىش-چىقىش ئېغىزى قويۇپ، «ئۈچ رايون، ئىككى يول» ئىلمىي تەسىس قىلىندى. 

  ئۈچىنچى، يېپىق ھالقىلىق باشقۇرۇش يولغا قويۇلدى. قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىدە كېسەل كۆرسىتىدىغانلارغا پۈتۈن يېپىق ھالەتتە كېسەل كۆرسىتىش تەرتىپى قوللىنىلىپ، پىرىنسىپ جەھەتتىن نومۇر ئېلىش، كېسەل كۆرسىتىش، ھەق تاپشۇرۇش، تەكشۈرۈش، رېنتېگىندا تەكشۈرۈش، دورا ئېلىش قاتارلىق دىياگنوز قويۇش، داۋالاش پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ رايوندا تاماملاندى.

  تۆتىنچى، ئالدىنقى قاراۋۇللۇق رولى جارى قىلدۇرۇلدى. قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىگە كېلىپ كېسەل كۆرسەتكەن بارلىق بىمارلارنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈلۈپ، تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنىش ئالدىدا تۇرغانلار ۋە گۇمانىي ئاغرىق مىساللىرى بىرىنچى ۋاقىتتا ئايرىۋېتىلىپ تېببىي جەھەتتىن كۆزىتىلىپ، ئاساسىي داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. دوختۇرلار كېسەل كۆرۈش جەريانىدا بىمارنىڭ كىلىنىكىلىق ئالامەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، تارقىلىشچان كېسەللىك تارىخىنى سۈرۈشتۈردى ھەمدە زۆرۈر تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇردى. ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ياكى گۇمانىي ئاغرىق مىسالىنى داۋالاش خادىملىرى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە تىزىملاپ، دوكلات قىلىپ ۋە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىپ، بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىغا ۋااقتىدا يۆتكىدى، بىمارلارنىڭ ئۆز مەيلىچە دوختۇرخانىدىن ئايرىلىشى ۋە يۆتكىلىشىگە يول قويمىدى.

  «مۇشۇ پۇرسەتتە، كېسەل كۆرسىتىدىغان شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ماسكىنى توغرا تاقىشىنى، قولىنى پاكىز يۇيۇشىنى، شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلىشىنى ئەسكەرتىمىز» دېدى جاڭ ۋېي.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى