تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

يۇقۇم مەزگىلىدە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلار ئۆيدە قانداق قىلىشى كېرەك؟

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن): 8-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 17دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا 21-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار تونۇشتۇرۇلدى.

  «سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنىڭ ئەسلىدىنلا ئاساس خاراكتېرلىك كېسىلى بولغاچقا، ئۆزىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى نىسبەتەن ئاجىز بولغاچقا، ئائىلىدە ساغلاملىقنى باشقۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم.» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ ۋېي.

  جاڭ ۋېي سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنىڭ ئائىلىدە تۆۋەندىكى ئۈچ جەھەتتىكى ئىشقا دىققەت قىلىشىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى:

  بىرىنچىدىن، ئائىلىدە مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئاساسلىقى شەخسىي تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش، ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك. مۇۋاپىق غىزالىنىش، تاماكا تاشلاش، ھاراق ئىچمەسلىك، كۆڭۈلنى ئازادە تۇتۇش كېرەك. مۇۋاپىق چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرۇش، ھەر ھەپتىدە بەش كۈن، ھەر كۈنى 30 مىنۇت ئوتتۇراھال سىجىللىقتا چېنىقىش كېرەك، تەيجى گۇمپىسى، ساغلاملىق گىمناستىكىسى قاتارلىق بەزى ئۆي ئىچىدە ئېلىپ بارغىلى بولىدىغان تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

  ئىككىنچىدىن، قەرەللىك ھالدا ئۆزىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش كېرەك. داۋالاش لايىھەسى مۇقىملاشتۇرۇلغان ئاغرىقلارغا قارىتا، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورىنى يېتەرلىك مىقداردا ئىستېمال قىلىش كېرەك، خالىغانچە دورا مىقدارىنى كۆپەيتىۋېتىشكە ياكى ئازايتىۋېتىشكە بولمايدۇ، دورىنى ئۈزۈپ قويۇشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. قان بېسىمى، قان شېكىرىنى قەرەللىك ئۆلچەپ تۇرۇش، ئاز دېگەندە ھەپتىدە بىر قېتىم ئۆلچەش كېرەك. ئىشلەتكەن دورىلار ۋە ئۆلچىگەن قان بېسىمى، قان شېكىرىنىڭ قىممىتىنى ياخشى خاتىرىلەش كېرەك. بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىپ، يۆتىلىش، دىمى سىقىلىش، نەپىسى قىيىنلىشىش، ماغدۇرسىزلىنىش، كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، مۇسكۇللىرى تېلىپ ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەرنىڭ بار-يوقلۇقىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

  ئۈچىنچىدىن، قانداق كېسەل كۆرسىتىشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك. يۇقۇم مەزگىلىدە نۇرغۇن دوختۇرخانىلار توردا كېسەل كۆرۈش، توردا رېتسىپ يېزىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى. ئاغرىقلار توردا كېسەل كۆرسىتىپ، دورا يازدۇرغاندىن كېيىن، بەلگىلەنگەن دورىخانىغا بېرىپ دورا سېتىۋالسا بولىدۇ. ئەگەر دورىنى يەپ بولغان بولسا ھەمدە دورىنى تەڭشەش ھاجەتسىز بولسا، رېتسېپنى ساقلىۋېلىپ، دورا دۇكىنى بىلەن ئالاقىلىشىپ رېتسېپنى كۆرسىتىپ دورا سېتىۋالسا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە ئائىت جىددىي قۇتقۇزۇش دورىلىرىنى زاپاس تەييارلاپ قويۇش كېرەك.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئۈرۈمچىدىكى تۈرلۈك داۋالاش ئاپپاراتلىرى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، ۋاقىتقا ئايرىپ ئالدىن كېلىشىش، ئايرىپ دىياگنوز قويۇش ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك رېتسېپ يېزىش تۈزۈمى ئارقىلىق، ئاغرىقلارنىڭ دوختۇرخانىدىكى توپلىنىشىنى ئازايتىپ، گىرەلەشمە يۇقۇملىنىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى