تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدە يېزا-كەنتلەرنى يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇش كۈچەيتىلدى، تۇرمۇش رايونى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش رايونى ئايرىۋېتىلدى

    تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن): 8-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 17:00دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا 21-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى شياڭرۇن يىغىندا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېزىلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

    لى شياڭرۇن مۇنداق دېدى: «شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، بىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا <ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك>تە چىڭ تۇرۇپ، تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتتىكى خىزمەتنى نۇقتىلىق ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تەرتىپلىك بولۇشىنى كاپالەتلەندۈردۇق».

    بىرىنچىدىن، يېزا-كەنتلەرنى يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇش كۈچەيتىلدى. يېزا تۇرمۇش رايونى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش رايونىنى ئايرىپ باشقۇرۇش يولغا قويۇلۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش خادىملىرى ئەمەسلەرنىڭ ھەممىسى ئائىلىدە يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇلدى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش خادىملىرى ئىشلەپچىقىرىش سورۇنلىرىدا يېپىق ھالەتتە ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللاندى، ماسكا تاقاش، توپلاشماسلىق قاتارلىق يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش تەلىپى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. يېزىلاردىكى كىشىلەر زىچ توپلىشىدىغان سورۇنلار تاقالدى، كىشىلەرنىڭ توپلىشىپ پائالىيەت قىلىشى ۋاقتىنچە توختىتىلدى؛ كۆكتات دۇكىنى، ئاشلىق-ياغ دۇكىنى، قوشۇمچە يېمەكلىك دۇكىنى، دورا دۇكىنىدىن باشقا بارلىق تىجارەت سورۇنلىرى تاقالدى.

    ئىككىنچىدىن، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتى ياخشى ئىشلەندى. كەنت ئاھالىلىرى ئۆيدە تۇرغان مەزگىلدە، كەنت كادىرلىرى ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇپ، مۇلازىمەت قىلىپ، كۈندىلىك ھاۋا ئالماشتۇرۇش، كۈندىلىك دېزىنفېكسىيەلەش قاتارلىق يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈردى؛ كەنت ئاھالىلىرىدىن ئۆز ئالدىغا سىرتقا چىقماسلىق، كەنت كادىرلىرى ۋە پىدائىيلاردىن كۆكتات، قوشۇمچە يېمەكلىك، دورا قاتارلىق تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش ۋە ئەخلەتلەرنى بىرتەرەپ قىلىش قاتارلىق تۇرمۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش تەلەپ قىلىندى؛ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش قىزىق لىنىيە تېلېفونى تەسىس قىلىنىپ، 24 سائەت ۋەزىپە قوبۇل قىلىنىپ، مەسلىھەت بېرىلىپ ئەندىشە تۈگىتىلدى؛ يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىش كۈچەيتىلىپ، تۆۋەن كاپالەت ئائىلىلىرى، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ۋاقتىدا ھەقسىز تارقىتىلدى؛ «بىر ئائىلىگە بىر ئارخىپ» ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزۇلۇپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، بىرمۇ ئادەمنىڭ چۈشۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىندى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئالغان كادىرلار ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم ئىشىك ئالدىغا بېرىپ ئاھالىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، ھامىلىدارلار، تۇغۇتلۇق ئاياللار، بالىلار ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان، ئالاھىدە داۋالىنىش ئېھتىياجى بارلارغا پۈتۈن كۈن دورىنى ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش، مەخسۇس دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىتىشقا ئاپىرىش قاتارلىق مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

    ئۈچىنچىدىن، دېزىنفېكسىيەلەش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى. يېزىلاردىكى داۋالاش ئاپپاراتى، ئاھالىلەر تۇرالغۇسى، خىزمەت سورۇنى، مۇھىت تازىلىقى ئەسلىھەسى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى، قۇشخانا، باقمىچىلىق مەيدانى قاتارلىق ئورۇنلار ئومۇميۈزلۈك كەڭ كۆلەمدە دېزىنفېكسىيەلەندى. يېزا-بازارلىق شىپاخانا، كەنت شىپاخانىسى، ياشانغانلار ساناتورىيەسى، بالىلار پاراۋانلىق ئورنى قاتارلىق نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق ئورۇن، نۇقتىلىق سورۇنلاردا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، دېزىنفېكسىيەلەش، ئەخلەتنى ئايرىم يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى.

   تۆتىنچىدىن، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىر تۇتاش پىلانلىنىپ چىڭ تۇتۇلدى. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى كۆكتات ئۈزۈش، چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەندى؛ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى جىپسىلاشتۇرۇش كۈچەيتىلىپ، شىنلىيەن بازىرى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازارلىرىدىكى سودىگەرلەر ئېتىز بېشىغا بېرىپ كۆكتات سېتىۋېلىشقا تەشكىللىنىپ، سودىگەرلەر ۋە كەنت ئاھالىلىرى باھانى مۇۋاپىق كېڭىشىشكە يېتەكلىنىپ، كۆكتاتلارنىڭ سېتىلماي قېلىشى ياكى باھانىڭ ئۆسۈشىنى تاما قىلىپ ئولتۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدى ئېلىندى؛ چارۋا ماللاردا يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش كۈچەيتىلىپ، چارۋا، ئۆي قۇشلىرىنى يۆتكەش، بېقىش، سويۇش قاتارلىق ھالقىلاردا دېزىنفېكسىيەلەش ياخشى ئىشلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ياخشى ئىشلەندى؛ يېشىل يول ئېچىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىندى.

    بەشىنچىدىن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى كۈچەيتىلدى. يېزا-كەنتلەردىكى كاناي، ۋىيشىن توپى، لوزۇنكا، شۇئار، يېزىق ۋە سۈرەت قاتارلىق تۈرلۈك تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرى ۋە ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىنىپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، يېزىلاردىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئېڭى ئۆستۈرۈلدى؛ ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئالغان كادىرلار تېلېفون، ۋىيشىن قاتارلىق يوللار ئارقىلىق ئامما بىلەن ئالاقىلىشىشقا تەشكىللىنىپ، تەربىيەلەش، يېتەكلەش ۋە پىسخىكىلىق يېتەكلەش خىزمىتى پائال ياخشى ئىشلەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ