تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى: قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىگە بېرىپ كېسەل كۆرسەتكەن ئاغرىقلارنىڭ ھەممىسى نوكلېئىك كىسلاتاسى بويىچە تەكشۈرۈلدى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن): 8-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 17:00دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا 21-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ ۋېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپى ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، جەمئىي 29 قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى تەسىس قىلغان بولۇپ، 24 سائەت خىزمەت قىلىدىكەن.

جاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى قاراۋۇللۇق رولىنى جارى قىلدۇردى، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىگە بېرىپ كېسەل كۆرسەتكەن بارلىق ئاغرىقلارنىڭ ھەممىسى نوكلېئىك كىسلاتاسى بويىچە تەكشۈرۈلۈپ، نەزەردىن ساقىت قىلىنىش ئالدىدا تۇرغانلار ۋە گۇمانىي ئاغرىق مىساللىرى بىرىنچى ۋاقىتتا ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىپ، ئاساسىي داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەندى. دوختۇر كېسەل كۆرۈش جەريانىدا ئاغرىقتا كۆرۈلگەن كىلىنىكىلىق ئالامەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، تارقىلىشچان كېسەللىك تارىخىنى سورايدۇ ھەمدە زۆرۈر تەكشۈرۈشلەرنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ياكى گۇمانىي ئاغرىق مىسالىنى تېببىي خادىملار ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە تىزىملاپ، دوكلات قىلىپ ۋە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىپ، بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا ۋاقتىدا يۆتكەيدۇ، ئاغرىقنىڭ ئۆز مەيلىچە دوختۇرخانىدىن ئايرىلىشىغا ياكى باشقا دوختۇرخانىغا يۆتكىلىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

«بۇ يەردە كېسەل كۆرسىتىشكە ئېھتىياجلىق شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ماسكىنى توغرا تاقاپ، قول تازىلىقى قىلىپ، شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز.» دېدى جاڭ ۋېي.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل