تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئابدۇغېنى، سىز ئاھالىلەرنىڭ نەزەرىدىكى «ئەڭ كېلىشكەن يىگىت»

    تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر يۈ مېڭفەن): 8-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 14:30دا، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى دۇڭمېن تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى غەربىي ئارقا كوچا مەھەللىسى بەشيۇلتۇز جەنۇبىي يولى 293-نومۇرلۇق بىنادا ئىشىك چېكىلگەن ئاۋاز ئاڭلاندى، «بەدەن تېمپېراتۇرىڭىزنى ئۆلچەيمەن، ئۆيدىكىلەر ياخشى تۇرۇۋاتقاندۇ؟» ئىشىك سىرتىدا ئاپئاق مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ تولۇق جابدۇنغان ئابدۇغېنى تۇراتتى.

ئابدۇغېنى ئاھالىلەرگە كېرەكلىك بۇيۇملارنى يەتكۈزۈپ بەرمەكتە.

    بۇ يىل 35 ياشقا كىرگەن ئابدۇغېنى ئابدۇشۈكۈر غەربىي ئارقا كوچا مەھەللىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شۇنداقلا بەشيۇلتۇز جەنۇبىي يولى 293-بىنادىكى 56 ئائىلىنى ھۆددىگە ئالغان كادىر. 8-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئاھالىلەر ۋېيشىن توپىغا رەھمەت خېتى يوللاپ، ئۆزلىرىنىڭ ناھايىتى تەسىرلەنگەنلىكى ۋە ئۇنىڭغا بولغان قايىللىقىنى ئىپادىلىدى.

ئولتۇراق رايوننىڭ ۋېيشىن توپىغا يوللانغان رەھمەت خېتى

   رەھمەت خېتىنى ئاھالە ياڭ چيەن يازغان ئىدى. «تۈنۈگۈن ئۆيدىكى ماتۇڭ تۇيۇقسىز توسۇلۇپ قالغانىدى، خوتۇنۇم ئىككىمىز بىر كۈن ھەپىلىشىپمۇ راۋانلاشتۇرالمىدۇق. ھەم تىت-تىت بولدۇق، ھەم ھېرىپ كەتتۇق، ئاخىرىدا مەھەللە بىلەن ئالاقىلەشتۇق، مۇئاۋىن مۇدىر ئابدۇغېنى بىردەمدىلا سايمانلارنى ئېلىپ كەلدى. نەق مەيداننى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئابدۇغېنى دەرھال پەلەي كىيىشكە باشلىدى. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، مەن ئۇنى دەرھال توسقان بولسىمۇ، ئابدۇغېنى قىلچە ئىككىلەنمەي ئىككى قولىنى ماتۇڭ كۆلچىكىگە تىقتى. بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن ماتۇڭنىڭ سۈيى راۋانلاشتى» دېدى ياڭ چيەن.

    ئابدۇغېنىغا نىسبەتەن ئاھالىلەر ناتونۇش ئەمەس. ئاھالە خوۋ خانىم مۇنداق دېدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش باشلانغاندىن بۇيان، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ھەر كۈنى نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئالدى، ئەمما ئابدۇغېنى كىشىگە يېقىشلىق، يۇمۇرىستىك تۇيغۇ بېرىدۇ.

    ئابدۇغېنى مۇنداق چۈشەندۈردى: «كۆپچىلىك ئۆيدە تۇرغاندا، ئائىلىدىكىلىرىدىن سىرت، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە پىدائىيلار بىلەنلا ئۇچرىشىدۇ، بىزنىڭ كەيپىياتىمىز ياخشى بولمىسا، كۆپچىلىكنىڭ كەيپىياتىغىمۇ تەسىر يېتىدۇ».

    ياخشى ئىش ھامان كۆڭۈلدە ساقلىنىپ قالىدۇ. ئاھالە جاڭ يۈنگېنىڭ ئەسلىشىچە، ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئۇنىڭ ئۆيىدىكى جۈمەك بۇزۇلۇپ قېلىپ، سۇ ئىشلەتكەندە ھاجەتخانىغا كىرىشكە توغرا كەلگەن، ئابدۇغېنى بۇنى بىلگەندىن كېيىن، يېڭى جۈمەك سېتىۋېلىپ ئۇنىڭغا ئورنىتىپ بەرگەن.

ئاھالىلەر ۋېيشىن توپىدا مەھەللە كادىرلىرى ۋە پىدائىيلارنى دىيەنزەن قىلماقتا.

    كۈندۈزى مېۋە، كۆكتات زاكاز قىلىش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، دېزىنفېكسىيە قىلىش، تۈرلۈك ۋاقىتلىق ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش، كەچتە ئىسمېنا ئالمىشىپ نۆۋەتچىلىك قىلىش، بۇ خىزمەتلەر گەرچە قاملاشقان يىگىت ئابدۇغېنىنى چارچىتىپ «چوڭ چىراي» كۆرسىتىپ قويغان بولسىمۇ، ئەمما كۆپچىلىك ئۇنى «ئاھالىلەرنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ كېلىشكەن يىگىت» دەپ ماختىشىدۇ.

   ئابدۇغېنى مۇنداق دېدى: «مەھەللە خىزمىتىنى قىلغان ئىكەنمىز، ئاھالىلەر بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ كېتىمىز، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىككى ئائىلىنىڭ گېپىنى قىلىشمايدۇ. بارلىق مەھەللە خىزمەتچىلىرى، پىدائىيلار بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇپ ئىشلەپ، ئاھالىلەر بىلەن بىرلىكتە تىرىشساقلا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جېڭىدە چوقۇم غەلىبە قىلالايمىز».

(سۈرەتنى زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى