تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى: يېزا-كەنتلەردىكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش خادىملىرى بولمىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆيىدە يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇلدى

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن): 8-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 17:00دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا 21-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى لى شياڭرۇن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھىرى يېزا-كەنتلەرنى يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېزا تۇرمۇشى رايونى بىلەن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش رايونىنى ئايرىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويدى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش خادىملىرى بولمىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆيىدە يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇلدى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش خادىملىرى ئىشلەپچىقىرىش سورۇنىدا يېپىق ھالەتتە ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ماسكا تاقاش، توپلاشماسلىق قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈردى. يېزىلاردىكى ئادەملەر كۆپ توپلىشىدىغان سورۇنلار تاقىلىپ، ئادەملەر توپلىشىدىغان پائالىيەتلەر ۋاقتىنچە توختىتىلدى؛ كۆكتات دۇكىنى، ئاشلىق-ياغ دۇكىنى، قوشۇمچە يېمەكلىك دۇكىنى، دورىخانىدىن باشقا بارلىق تىجارەت سورۇنلىرى تاقىۋېتىلدى.

كەنت ئاھالىلىرى ئۆيىدە تۇرىۋاتقان مەزگىلىدە، كەنت كادىرلىرى ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش مۇلازىمىتى، كۈندىلىك ھاۋا ئالماشتۇرۇش، ھەر كۈنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈردى؛ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا سىرتقا چىقماسلىقىنى تەلەپ قىلدى، كەنت كادىرلىرى ۋە پىدائىيلار كۆكتات، قوشۇمچە يېمەكلىك، دورا قاتارلىق تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش ۋە ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق تۇرمۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى