تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

مەھەللە «پوچتاليون تېز يەتكۈزۈش پىدائىيلار مۇلازىمىتى»نى يولغا قويدى

8-ئاينىڭ 6-كۈنى، مىدۇڭ رايونى گۇمۇدى بازىرى تەيخې مەھەللىسىدە، مەھەللە «پوچتاليون تېز يەتكۈزۈش پىدائىيلار مۇلازىمىتى» تارماق ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ما چۈەنمىڭ ئاھالىلەرگە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بەرمەكتە.

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇڭ جيەنخۇا خەۋىرى، فوتوسى): «رۈي ھەدە، بۈگۈن قانداق كۆكتات ئالىسىز؟» «شياۋ ما، بۇ مېنىڭ يازغانلىرىم، بار بولسا ئېلىڭ، بولمىسا مەيلى» 8-ئاينىڭ 6-كۈنى ئەتىگەن سائەت 9دا، مىدۇڭ رايونى گۇمۇدى بازىرى تەيخې مەھەللىسىدە، 68 ياشلىق رۈي دايىڭ تەيخې مەھەللىسى «پوچتالىيون تېز يەتكۈزۈش پىدائىيلار مۇلازىمىتى» تەپسىلىي تىزىملىك جەدۋىلىنى پىدائىي ما چۈەنمىڭگە سۇنۇپ بەردى.

تىزىملىككە «تۆت دانە يۇمىلاق چەيزە، ئىككى كىلوگرام شوخلا، ئىككى كىلوگرام تۇخۇم، بىر كىلوگرام سۇڭپىياز، بىر كىلوگرام سامساق، تۆت دانە ياڭيۇ» دەپ يېزىلغان ھەمدە ئىسمى، بىنا نومۇرى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى قاتارلىقلار يېزىلغانىدى.

يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، يالغۇز ئولتۇرۇشلۇق رۈي دايىڭ كېرەكلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋالغاندا، پۈتۈنلەي مۇشۇ تالونغا تاياندى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن يان تېلېفوندا زاكاز چۈشۈرۈشنى بىلمەيمەن، مەھەللە بۇ تالوننى تارقىتىپ بەردى، نېمە لازىم بولسا شۇنى يازىمەن، شۇ كۈنىلا ئەكىلىپ بېرىدۇ، ئاددىي ھەم قولايلىق» دېدى.

تەيخې مەھەللىسىدە 380 نەچچە ئائىلىدىكى 980دىن ئارتۇق ئاھالە بار بولۇپ، 60 ياشتىن ئاشقانلار %30نى ئىگىلەيدۇ. شەھەرلىك شەھەر-يېزا پىلانلاش، باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەھەللىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە مەھەللە كۆپ قىسىم ياشانغانلارنىڭ يان تېلېفون ئارقىلىق زاكاز چۈشۈرەلمەسلىك ئەھۋالىغا قارىتا، يېڭىلىق يارىتىپ «پوچتاليون تېز يەتكۈزۈش پىدائىيلار مۇلازىمىتى»نى يولغا قويدى.

شەھەرلىك شەھەر-يېزا پىلانلاش، باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەھەللىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ 1- شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى لى جۇڭجيې، ياشانغانلارنىڭ پوچتا يوللانمىلىرىنى ئەۋەتىش ئۇسۇلىنى پىششىق بىلىدىغانلىقىنى، ئۇلار بىر تۇتاش تالون تەييارلاپ، ياشانغانلارغا تولدۇرغۇزۇپ، ياكى ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئالغان كادىرلار ئىشىك ئالدىغا بېرىپ، ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى زاكازلىرىنى توپلاپ، ئاندىن كېيىن بىر تۇتاش ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، بىر تۇتاش سېتىۋېلىپ، بىر تۇتاش يەتكۈزۈپ بېرىپ، شۇ كۈندىكى زاكازنى شۇ كۈنى يەتكۈزۈپ بېرىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

مەھەللە 80 نەچچە يالغۇز، چوڭ ياشلىق، يېتىم، مېيىپ ياشانغانلارنى رەتلەپ چىقىپ، «پوچتاليون تېز يەتكۈزۈش پىدائىيلار مۇلازىمىتى» تارماق ئەترىتى قۇرۇپ، ھەر كۈنى 12 سائەت كۆپچىلىككە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى زاكاز قىلىپ يەتكۈزۈپ بەردى.

45 ياشلىق پارتىيەلىك پىدائىي ما چۈەنمىڭ «پوچتاليون تېز يەتكۈزۈش پىدائىيلار مۇلازىمىتى» تارماق ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بولۇشقا تىزىمغا ئالدۇرۇپ، يالغۇز تۇرىدىغان 12 ئائىلىلىك ياشانغان كىشىنى پوچتاليون تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە مەسئۇل بولدى.

تالوننى تاپشۇرۇپ ئالغان ما چۈەنمىڭ دەرھال زاكاز تالونىنى مەھەللە مۇلازىمەت تەپسىلىي تىزىملىك جەدۋىلى ھېسابات دەپتىرىگە جەملىدى، مەھەللە ھېسابات دەپتىرى بويىچە تېز سۈرئەتتە سېتىۋالدى.

ئىككى سائەتتىن كېيىن، ما چۈەنمىڭ كۆكتاتلارنى رۈي دايىڭنىڭ ئىشىك ئالدىغا ئاپىرىپ بەردى. رۇي دايىڭ كۆكتات بولىقىنى ئاچقىنىدا، شوخلا قىپقىزىل، چەيزە يېڭى ۋە يۇمران، ياڭيۇنىڭ پوستى سىلىق بولۇپ، كۆكتات باھاسى تالونىنى چىقىرىپ قارىدى: شوخلىنىڭ بىر كىلوگىرامى 2.8 يۈەن، چەيزىنىڭ بىر كىلوگىرامى 2 يۈەن...

رۈي دايىڭ باش بارمىقىنى چىقىرىپ: «مەھەللە ئاھالىلەر ئۈچۈن ئەتراپلىق ئويلاندى، ئەكەلگەن كۆكتاتلار يېڭى ھەم ئەرزان» دېدى.

لى جۇڭجيې، ئۇلارنىڭ خىزمەت جەريانىدا مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەتنى ئىنچىكىلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ