تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 50 مىڭ ئاھالە يىراق مۇساپىلىك قىممەت تولۇقلاپ توك پۇلىنى تاپشۇردى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8-ئاينىڭ 6-كۈنى خەۋىرى: پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چېن چېياڭۋينىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنىرگىيە چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنىرگىيە چەكلىك شىركىتى كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىلىرى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش نۇقتىلىق سورۇنلارنىڭ توكنى بىخەتەر، ئىشەنچلىك ئىشلىتىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان. ئاھالىلەرنىڭ توك سېتىۋېلىشىغا قولاي بولۇش ئۈچۈن، يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، يېڭىدىن كۆپەيگەن يىراق مۇساپىلىك قىممەت تولۇقلاشقا تىزىملاتقانلار 50 مىڭ 100گە، يىراق مۇساپىلىك قىممەت تولۇقلاپ ھەق تاپشۇرۇش جەمئىي 129 مىڭ 600 قېتىمغا يېتىپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن %169.13، %189.29 ئاشقان.

ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىدە خاتىرجەم تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دۆلەت تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنىرگىيە چەكلىك شىركىتى ۋېيشىندا يىراق مۇساپىلىك قىممەت تولۇقلاشنى ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى، مەخسۇس ۋېيشىن نومۇرى، يىراق مۇساپىلىك قىممەت تولۇقلاش قىزىق لىنىيە تېلېفونى قاتارلىقلارنى تەسىس قىلىپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق يىراق مۇساپىلىك قىممەت تولۇقلاش كەسپىنى كېڭەيتتى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، مەھەللە بىلەن دائىملىق ئالاقە مېخانىزمى ئورنىتىپ، خىزمەتچى خادىملار POS ئاپپاراتىنى ئېلىپ نەق مەيداندىكى تۇرۇشلۇق نۇقتىدا قىممەت تولۇقلاپ، پىدائىيلار توك كارتىسىنى ئېلىپ نەق مەيداندا توك سېتىۋېلىپ، تەۋەلىكتىكى خېرىدارلارنىڭ ۋاقتىدا توك سېتىۋېلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى