تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

[مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش] قالتىس ئاشپەزلىك ھۈنىرى ۋە ماھارەتلىرىنى كۆرسىتىشىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىدىغان دوستانە قوشنىلار

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار جاڭ يەنفاڭ، يۈ مېڭرەن، مېھرىگۈل غوپۇر خەۋىرى): مەززىلىك تائاملارنى ئېتىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش، كىتاب ئوقۇش، رەسىم سىزىش ... يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دوستلار، قوشنىلار ئۆز ئارا ۋىيشىن سىن كۆرۈنۈشى ئارقىلىق بىرلىكتە ئۆزگىچە بولغان بىر بايرامنى ئۆتكۈزدى، شۇنداقلا بىر-بىرىنىڭ قېرىنداشلىق مېھرى تېخىمۇ يېقىنلاشتى.

       مەن سىزگە فېنتاڭ ئېتىشنى ئۆگىتىپ قوياي

  فېنتاڭ، پولو، ساڭزا ... 8-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى نەنخۇ شىمالىي يولى شەرقىي مەھەللىسىدە، ئاھالە چىپارگۈل زامان يەنە ئۆز ئۆيىدە پىشۇرغان مەززىلىك تائاملارنى مۈلۈك ئىگىلىرى ۋىيشىن توپىغا يوللىدى.

  «پولو بىر قارىسىلا بەك ئوخشاپتۇ، قارىغان كىشىنىڭ يېگۈسى كەلگۈدەك!»، «بۇنداق چىرايلىق تورتنى قانداق پىشۇردىڭىز؟» قوشنىلارنىڭ سوئالىغا قارىتا، چىپارگۈل سەۋىرچانلىق بىلەن بىرمۇبىر جاۋاب قايتۇردى. «بۇ قېتىم ھېيتتا ئۆيدىن چىقالمىدۇق، ئەمما قوشنىلارنىڭ ئۆزئارا سالام يوللاپ ھېيتنى تەبرىكلىشى بىلەن بىزمۇ بەخت تۇيغۇسىغا چۆمدۇق.» دېدى ئۇ.

  چىپارگۈل نەنخۇ شىمالىي يولى شەرقىي مەھەللىسىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقىلى تۆت يىل بولغان بولۇپ، قوشنىلار بىلەن ناھايىتى چىقىشىپ ئۆتىدۇ، بولۇپمۇ ۋاڭ يۇڭلياڭنىڭ ئائىلىسى بىلەن تېخىمۇ ئىناق ئۆتىدىغان بولۇپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىشىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلاردەك چوڭقۇر مۇھەببەت ئورناتقانىدى.

  چىپارگۈل مۇنداق دېدى، بالام كىچىك بولغاچقا، ئادەتتە ۋاڭ يۇڭلياڭنىڭ ئائىلىسىنى تولا ئاۋارە قىلىمەن. چىپارگۈل ئەۋەتكەن فېنتاڭنىڭ رەسمىنى كۆرگەندىن كېيىن، ۋاڭ يۇڭلياڭ ئىختىيارسىز ئۇنىڭدىن ئۆگەنمەكچى بولدى. چىپارگۈل تەييارلاشقا تېگىشلىك يېمەكلىكلەردىن تارتىپ ھەر بىر باسقۇچقىچە سۈرەتكە تارتىپ ۋاڭ يۇڭلياڭغا ئەۋەتىپ بەردى. «ئىلگىرى ھەر ھېيتتا مەن ۋاڭ ئاكامنى ئائىلىسى بىلەن كېلىپ مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلاتتىم.» دېدى ئۇ.

  چىپارگۈل مۇنداق دېدى: «مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە پىدائىيلارغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن، شۇنداق كۆپ ئادەمنىڭ بەدەل تۆلىشى بىلەن بىز خاتىرجەم ئۆيدە تۇرۇۋاتىمىز. يۇقۇم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەن چوقۇم قوشنىلارنى ۋە مەھەللە كادىرلىرىنى ئۆيگە كېلىپ فېنتاڭ ئىچىشكە تەكلىپ قىلىمەن.»

  بىر پارچە رەسىمدە يەتكۈزۈلگەن ئاچا-سىڭىللىق مېھرى

  «قاراڭ، مەن ئالايىتەن بىر پارچە رەسىم سىزدىم. بىزنىڭ بىللە ئولتۇرۇپ پولو يەپ، ئەتكەن چاي ئىچكەن كۆرۈنۈشىمىز، گەرچە كەسپىي رەسسام بولمىساممۇ، كۆڭلۈمنى ئىپادىلىدىم.» 8-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئۈرۈمچى خۇڭشىيۆ ئولتۇراق رايونىدىكى ئاھالە ئەن شىن ۋىيشىن سىن كۆرۈنۈشى ئارقىلىق يېقىن دوستى رىزىۋانگۈل روزىغا تىلەك تىلىدى.

  «شۇنداق ئوخشىتىپ سىزىپسىز، كېلەر قېتىم بىزنىڭ ئۆيگە كەلگەندە، سىزغان رەسىمنى چوقۇم ئالغاچ كېلىڭ، مەن ياخشى ساقلاپ قوياي.» سىن كۆرۈنۈشى ئارقىلىق ئىككىيلەن ناھايىتى خۇشال پاراڭلاشتى.

  ئەن شىن ئۈرۈمچىدىكى بىر گىرىم بۇيۇملىرى توپ تارقىتىش سودا شەھەرچىسىدە گىرىم بۇيۇملىرى سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، رىزىۋانگۈل بولسا يەسلى ئوقۇتقۇچىسى. 10 يىلنىڭ ئالدىدا، بۇ ئىككىيلەن بىر دوستلار يىغىلىشىدا تونۇشۇپ قالغان ئىدى. ئورتاق قىزىقىش، ماس كېلىدىغان مىجەزلىرى بىلەن ئۇلار بىر كۆرۈشۈپلا قەدىناس دوستلاردىن بولۇپ، دوستلۇقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى.

  2017-يىلى، ئەن شىننىڭ دادىسىنىڭ تۇيۇقسىز كېسىلى قوزغىلىپ ياتاقتا يېتىپ قالدى، رىزىۋانگۈل دوختۇرخانىدا ئىزچىل ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدى. بوۋاينىڭ تاماقنى ياخشى يېيەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ، رىزىۋانگۈل ھەر كۈنى ھەر خىل قىلىپ سۇيۇق-سەلەڭ ۋە قۇۋۋەتلىك تاماقلارنى ئېتىپ دوختۇرخانىغا يەتكۈزۈپ تۇردى. 2018-يىلى، رىزىۋانگۈلنىڭ ئاپىسىنىڭ ئوپېراتسىيە بولۇپ ياتاقتا يېتىپ قالغانلىقىنى ئاڭلىغان ئەن شىن بىرىنچى ۋاقىتتا دوختۇرخانىغا يېتىپ كەلدى ...

  تۇرمۇشتا ئاز-ئازدىن مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش ۋە ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئۇ ئىككىسىنىڭ قەلبىنى بارغانسېرى يېقىنلاشتۇردى. «بۇ يىللاردا، بىز بىر-بىرىمىزنىڭ خۇشاللىق، قايغۇ-ھەسرەتلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدۇق، ھەر ھەپتىدە بىر-ئىككى قېتىم كۆرىشىمىز، مەيلى چاغان ياكى قۇربان ھېيت بولسۇن، بىز ھەممىمىز بىر يەرگە جەم بولىمىز، بۇرۇندىنلا بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتۈپ كېلىۋاتىمىز.» دېدى رىزۋانگۈل.

  «مەن ئادەتتە رەسىم سىزىشنى ياخشى كۆرىمەن، بۇ قېتىم ئايرىلىپ تۇرۇپمۇ شۇنداق ياخشى كۆرۈشۈپ تۇرۇۋاتىمىز، رەسىم سىزىش ئارقىلىق سىڭلىمغا گۈزەل تىلەكلىرىمنى يەتكۈزدۈم، بىز بىر ئۆمۈر ياخشى ئاچا-سىڭىللاردىن بولىمىز.» دېدى ئەن شىن.

  ئۆيدە تۇرغان چاغدىمۇ چېنىقىش كېرەك

  «ئۇكام، تىلىگەن تىلەكلىرىڭگە رەھمەت، بايرام خۇشاللىقى ھەممىمىزگە ئورتاق بولسۇن، مەززىلىك تاماقلارنى يەپ بولغاندىن كېيىن، چېنىقىشنى ئۇنۇتمىغايسەن.»

  «يەر بېغىرلاش، پۇتنى كۆتۈرۈش، قورساق قاتلاش، زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش ھەر بىر تۈردىن 100نى ئىشلەپ بولدۇم، سىزمۇ غەيرەت قىلىڭ ...»

  بۇ مەزگىلدە، ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق خۇيزۇ يىگىت جىن جې بىلەن ئۇنىڭ ياخشى قېرىندىشى جاۋ شياۋپېڭ ھەر كۈنى ۋىيشىندىكى بەدەن چېنىقتۇرۇپ داكا قىلىشتا بىر-بىرىگە مەدەت بېرىپ كەلدى.

     «ئىلگىرى بىز دېيىشىپ چېنىقىش ئۆيى ياكى دالىغا بېرىپ بەدەن چېنىقتۇراتتۇق، بۇ مەزگىلدە ئۆيدىلا چېنىقىۋاتىمىز.» دېدى جىن جې.

  جىن جې ئۈرۈمچىدىكى بىر چېنىقىش ئۆيىنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش تىرېنېرى، جاۋ شياۋپېڭ بولسا بىر ئادۋوكات، بۇ ئىككىيلەن بەدەن چېنىقتۇرۇش جەريانىدا تونۇشۇپ قالغان. «مەن شياۋ پېڭ بىلەن تونۇشقىلى ئالتە يىل بولدى، ئەڭ دەسلەپ ئۇ مېنىڭ كۇرسانتىم ئىدى، مىجەزىمىز ئوچۇق-يورۇق بولغاچقا چىقىشىپ كېتەلىدۇق، ئادەتتە بىللە بەدەن چېنىقتۇرۇپ، تاماق يەيمىز، قانداق كۆڭۈل غەشلىكىمىز بولسا بىر-بىرىمىزگە تەسەللى بېرىمىز، كىم قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا ياردەم قولىمىزنى سۇنىمىز، ھازىر ياخشى قېرىنداشلاردىن بولۇپ قالدۇق.» دېدى جىن جې.

  «ئۆيدە تۇرۇۋاتقان بارلىق شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بىز بىلەن بىللە ھەرىكەت قىلىپ، بەدەنگە ئېنېرگىيە توپلاپ، ساغلام روھىي ھالەت ۋە ئۆلچەملىك بەدەن شەكلىگە ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» دېدى جىن جې.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى