تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئايرىش كېسەللىك رايونىدا، ئۇ تېببىي خادىملار ئۈچۈن «بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى» قىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز ليۇ مېڭمېڭ): «يېېپىق سىناق تەكشۈرۈشى قىلىنىۋاتىدۇ، دىققەت قىلىڭ» «بەكرەك زوڭزىيىپ ئولتۇرۇڭ، ھەرىكەت قىلىشىڭىز قولايلىقمۇ؟»... قايتا-قايتا جېكىلەش، تەكرار-تەكرار ئىنچىكە تەكشۈرۈش، بۇ سۈي شىنچۈننىڭ كۈندىلىك ئەڭ مۇھىم خىزمىتى. 8-ئاينىڭ 5-كۈنى سەھەر سائەت 1:00دە، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا بەشىنچى بۆلۈمىنىڭ كېسەللىك رايونى ئارىلىق رايونىدا، سېسترالار باشلىقى سۈي شىنچۈن ئىسمېنا ئالماشقان تېببىي خادىملارنىڭ مۇداپىئە كىيىمى كىيىشىنى پۈتۈن لىنىيەلىك نازارەت قىلىۋاتاتتى.

سۈي شىنچۈن ماسكىنى ئېلىۋەتتى.

  «ئايرىش كىيىمىنى كىيىپ سېلىش تەرتىپى 20 باسقۇچتىن ئاشىدۇ»

  «بۇلغانغان مۇداپىئە كىيىمىنى سېلىش ھەممىدىن مۇھىم، ھەربىر قەدەمنى خاتا قىلىپ قويۇشقا، ئالماشتۇرۇپ قويۇشقا، كەم قىلىپ قويۇشقا، كىيىمنى ئالدىراپ سېلىشقا بولمايدۇ، بۇلغانغان مۇداپىئە كىيىمىنىڭ تېرىگە ۋە كىيىمگە تېگىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك» دېدى سۈي شىنچۈن، ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسى يۇقۇملۇق كېسەللەر بۆلۈمىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇزۇن يىللىق خىزمەت تەجرىبىسى بولغاچقا، بۇ ئىنچىكە نۇقتىلارغا قاتتىق رىئايە قىلىدىكەن، كىيىم كىيىشتىن سېلىشقىچە بولغان 20 نەچچە تەرتىپ ئۇنىڭ كاللىسىغا ئورناپ كەتكەن ئىكەن.

سۈي شىنچۈن تېببىي خادىملارنىڭ مۇداپىئە جابدۇقلىرىنى تەكشۈرمەكتە.

  «مېنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللەر بۆلۈمىدە نەپەس يولى ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ئاغرىقلارنى پەرۋىش قىلىش خىزمىتى قىلىۋاتقىنىمغا 20 يىل بولدى، بۇ قېتىم بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدا ئاساسلىقى دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىش بۆلۈمىنىڭ تېببىي خادىملىرىنى مۇداپىئە جەھەتتىن تەربىيەلەشكە ياردەملەشتىم، بۇ ئايرىش كىيىمىنى كىيىش، سېلىش، ئاغرىقلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى كۆزىتىش، خىزمەت تەرتىپى جەھەتتىن تەربىيەلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېدى سۈي شىنچۈن، ئۇنىڭ دېيىشىچە، ۋىرۇسنىڭ يۇقۇشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، مۇداپىئەلىنىش ناھايىتى مۇھىم ئىكەن. «ھەر بىر ئايرىش رايونىغا كىرگەن تېببىي خادىم قاتتىق تەربىيەلىنىشى كېرەك».

  «ئالدى بىلەن بىر قەۋەت تاشقى كېسەللىكلەر ماسكىسى تاقايمىز، ئاندىن يەنە بىر قەۋەت N95 ماسكىسى تاقايمىز.» «مۇداپىئە كىيمىنى سالغاندا بىر قەۋەت-بىر قەۋەتتىن بۇنىڭغا ئوخشاش ئىچىدىن سىرتىغا قىلىپ قاتلايمىز، قولىمىز سىرتقى تەرىپىدىكى بۇلغانغان رايونغا تېگىپ كەتمەسلىكى كېرەك.» ھەر قېتىملىق تەربىيەلەشتە، بۇنداق گەپلەرنى ئۇ داۋاملىق تەكرارلاپ تۇرىدۇ.

  سېسترا شى شياۋفاڭ ۋە ئۇنىڭ 10 نەچچە خىزمەتدىشى دەسلەپتە تەربىيەلەشكە قاتناشقاندا، سۈي شىنچۈننىڭ تەلەپچان ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىدى، «كىم خاتا قىلسا، سۈي مۇئەللىم بىرمۇبىر لاياقەتلىك بولغۇچە تۈزىتىشكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. بىر قېتىم كىيىپ سېلىشقا يېرىم سائەت ۋاقىت كېتىدۇ، بىر نەچچە قېتىم ئۈلگە كۆرسەتكۈچە، ئۇنىڭ كىيىملىرى ھۆل بولۇپ كېتىدۇ» دېدى شى شياۋفاڭ.

  «ئۇ بولسا بىز خاتىرجەم»

  گەرچە ئۇلار ناھايىتى كۆپ قېتىم مەشىق قىلغان بولسىمۇ، لېكىن تۇنجى قېتىم كېسەللىك رايونىغا كىرگەندە يەنىلا جىددىيلەشتى. «ئېسىمدە قېلىشىچە، 21 ياشلىق ياش سېسترا بىرىنچى قېتىم كېسەللىك رايونىغا كىرگەندە، جىددىيلەشكىنىدىن تاشقى كېسەللىكلەر پەلىيىنى تەتۈر كىيىۋاپتۇ، ئۇ خاتالىق سادىر قىلغىنىدىن ھەم جىددىيلەشتى ھەم ئوڭايسىزلاندى، مەن ئۇنىڭغا <ھېچقىسى يوق، قايتىدىن كېلەيلى> دېدىم.» ئۇنىڭ دېيىشىچە، تېببىي خادىملاردىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن، ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەربىر ئادەمنىڭ كىيىمىنىڭ كەينىگە رىغبەت سۆزى يېزىپ قويغان.

  «سۈي مۇئەللىم تەلەپچانلىق بىلەن ماسكىنى ھىملاش سىنىقى ئىشلەيدۇ، ئىككى قولنى ماسكىنىڭ ئىككى تەرىپىگە قويۇپ، ئىككى-ئۈچ قېتىم چوڭقۇر نەپەسلەنگەندىن كېيىن، ماسكىنىڭ نەپەسكە ئەگىشىپ ھەرىكەتلەنگەنلىكىگە قارايمىز، كىچىككىنە يوچۇقنىڭمۇ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى شى شياۋفاڭ، شى شياۋفاڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئايرىش كىيىمى، مۇداپىئە كىيمىنى كىيىپ سالغاندا، ئۆزىمۇ خاتىرجەم بولۇپ قالىدىكەن.

  نەچچە كۈن بۇرۇن، سۈي شىنچۈن يېڭىدىن قۇرۇلغان ئىچكى كېسەللەر بەشىنچى بۆلۈمى كېسەللىك رايونىغا سېسترالار باشلىقى بولۇپ يۆتكەلگەن، گەرچە ئوخشاش بولمىغان دوختۇرخانىلاردىن كەلگەن بولسىمۇ، ماسلىشىشلاردىن كېيىن، كۆپچىلىك ياخشى ئاچا-سىڭىل بولۇپ قالغان.

  «كۆز توسقۇچقا ئىسپىرت ياكى يود سۈركىۋالغاندا، تۇمانلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ» «داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ئېلاستىك داكا بىلەن پەلەينى ئوراش» «مۇداپىئە كىيىمىنى سالغاندا، پۇت قاپلىغۇچ بىلەن بىللە سېلىۋېتىشكە دىققەت قىلىش»... سۈي شىنچۈن ھەر كۈنى دائىم دېگۈدەك سېسترالارغا تاپىلايدۇ، «غەلىبە قىلىشتىن بۇرۇن، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكى مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى