تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

پىدائىي: «بىز ئۆزىمىزنى ياخشى قوغداپ، ئاھالىلەرگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىمىز كېرەك»

8-ئاينىڭ 6-كۈنى، پىدائىي سۈن رۇي ۋېيشىندا ئاھالىلەردىن سېتىۋېلىشقا تېگىشلىك كۆكتاتلارنىڭ تىزىملىكىنى يىغماقتا.

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر چىن پېڭ خەۋىرى، فوتوسى): «موما، بەدەن تېمپېراتۇرىڭىز نورمالكەن، ئادەتتە دېزىنى كۆپرەك ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇشنى ئۇنتۇماڭ. ئۆيگە نېمە لازىم بولسا بىز سىزگە ئەكىلىپ بېرىمىز، ئەگەر مىجەزىڭىز يوق بولسا، بىزنىڭ مەھەللىدىمۇ پىدائىي دوختۇرلار بار، ئۇلار ئۆيگە كېلىپ كۆرۈپ قويىدۇ...» 8-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى خوتەن كوچىسى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى شەرقىي 1-كوچىسى مەھەللىسى 374-نومۇرلۇق چوڭ قورۇدا، پىدائىي سۈن رۇي بىر موماينىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا شۇنداق تاپىلىدى.

  شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، داشۆسېڭ پىدائىي سۈن رۇي بىلەن ۋاڭ شىنشۈ بىرلىكتە، مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ، ماسكا تاقاپ، پەلەي كىيىپ، 374-نومۇرلۇق قورۇدا ئاھالىلەر بىناسىدىكى ئاممىۋى رايوننى دېزىنفېكسىيە قىلدى، ئاھالىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىدى، ئاھالىلەرگە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتى ۋە ئەڭ يېڭى سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىپ، يالغۇز تۇرىدىغان ياشانغانلارنىڭ پىسخىكىلىق بېسىمىنى يىنىكلەتتى، ئاھالىلەرنىڭ مېۋە، كۆكتاتلىرىنى ۋاكالىتەن سېتىۋالدى ۋە يەتكۈزۈپ بەردى.

  «بىز ئۆزىمىزنى ياخشى قوغداپ، ئاھالىلەرگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىمىز كېرەك» دېدى پىدائىي سۈن رۇي. شەھەر ئاھالىلىرىنى غەمدىن خالاس قىلىش ئۈچۈن، بۇ قورۇدا مەھەللىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، بىرىنچى ۋاقىتتا پىدائىيلار مۇلازىمەت قوشۇنى قۇرۇلدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە داشۆسېڭ، پېنسىيەگە چىققان كادىر، خىزمەتتىكى دوختۇر قاتارلىقلار بار. ئۇلار ئاھالىلەرنى كۆكتات سېتىۋېلىش، دورا يەتكۈزۈش، ئەخلەت يىغىش، كۇەيدى ئېلىش، پىسخىكىلىق يېتەكلەش، داۋالاش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىدى.

8-ئاينىڭ 6-كۈنى، پىدائىي ۋاڭ شىنشۈ پەلەمپەي تۇتقۇچىنى دېزىنفېكسىيە قىلماقتا.

8-ئاينىڭ 6-كۈنى، پىدائىي ئاھالىلەرگە سۈت ۋە ئىچىملىك يەتكۈزۈپ بەرمەكتە.

8-ئاينىڭ 6-كۈنى، پىدائىيلار ئولتۇراق رايون بىنالىرى ئارىسىدىكى يوللارنى دېزىنفېكسىيە قىلماقتا.

8-ئاينىڭ 6-كۈنى، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆلچەش گۇرۇپپىسىدىكى پىدائىيلار  مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ، ئاھالىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىمەكتە.
8-ئاينىڭ 6-كۈنى، پىدائىيلار ئاھالىلەر ئۆيىنىڭ ئىشىك تۇتقۇچىنى دېزىنفېكسىيە قىلماقتا.
8-ئاينىڭ 6-كۈنى، پىدائىي ۋاڭ شىنشۈ ئولتۇراق رايوندىكى كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىدا ئاھالىلەرگە ۋاكالىتەن مېۋە-چېۋە، كۆكتات سېتىۋالماقتا.
8-ئاينىڭ 6-كۈنى، كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىدا، پىدائىي ۋاڭ شىنشۈ يان تېلېفوندا ئاھالىلەر سېتىۋالىدىغان كۆكتاتلارنىڭ تۈرى، سانىنى سېلىشتۇرماقتا.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى