تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدىكى پارتىيە ئەزاسى | ليۇ شىنبىڭ: ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە مەسىلە چىقماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى خاتىرجەم گۆش يېگۈزىمەن

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاۋ مىن خەۋىرى): ليۇ شىنبىڭنى ھەر كۈنى خۇشال قىلىدىغان بىر ئىش دەل ھەر كۈنى توخۇ گۆشى توشۇپ ماڭغان ئاپتوموبىللارنىڭ زاۋۇت رايونىدىن چىقىشى بولۇپ، بۇ توخۇ گۆشلىرى نەچچە سائەتكە قالمايلا، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىلىرىنىڭ تاماق شىرەسىگە يەتكۈزۈلىدۇ.

  «بۇ توخۇ گۆشلىرىنى ئايرىپ قاچىلاپ بولدۇق، كېيىنكى ئىش تەرتىپى بويىچە قىلساق بولىدۇ.» 8-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا تۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ئەسلىھەلىرىنىڭ يەنىلا نورمال ئايلىنىۋاتقانلىقىغا، ئىشچىلارنىڭ تەرتىپلىك ۋە رەتلىك ئىشلەۋاتقانلىقىغا قاراپ، ليۇ شىنبىڭ شۇنداق دېدى، «بۈگۈنكى تەمىنلەش مىقدارى يېتەرلىك!»

ليۇ شىنبىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە توخۇ گۆشلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

  ليۇ شىنبىڭ شىنجاڭ تەيكۈن گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش دىرېكتورى، مەزكۇر كارخانا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى زاپاس گۆش (توخۇ گۆشى) ساقلاشنى ھۆددىگە ئالغان كارخانىلارنىڭ بىرى، بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا، بۇ كارخانا ئىشلەپچىقىرىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 40 مىڭ دانە توخۇ سويغان.

  سوغۇق، يېڭى توخۇلارنى ھەرقايسى چوڭ بازار، تاللا بازارلىرىغا تېزرەك يەتكۈزۈش ئۈچۈن، بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ليۇ شىنبىڭ 200 نەچچە ئىشچىغا باشلامچىلىق قىلىپ ئالدىراش ئىشلىدى، توخۇ سويۇشتىكى ئىش تەرتىپلىرىگە دىققەت قىلىپ، ئاپتوموبىلدا توشۇش قاتارلىق ھالقىلارنى ماسلاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى يۇقۇمغا زەربە بېرىشتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا ئايلاندۇردى.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى توخۇ گۆشى بازىرىنى تەمىنلەش تىزىملىكىنى باشقۇرۇشقا كىرگەن كارخانىلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ليۇ شىنبىڭ تۇرۇشلۇق كارخانىنىڭ سېتىش دائىرىسى ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى چوڭ يېزا ئىگىلىك سودا بازارلىرى ۋە تاللا بازارلىرىنى قاپلىغان بولۇپ، شۇ جايدىكى بازار ئۈلۈشىنىڭ %40ىنى ئىگىلەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۇرپان، سانجى، كۈيتۈن، قاراماي قاتارلىق جايلارنى قاپلىغان، كارخانىنىڭ نورمال كۈنلەردىكى ئوتتۇرىچە توخۇ سويۇش مىقدارى 30 مىڭ بولغان. بۇ قېتىم يۇقۇمدا بىر قىسىم كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىشقا ئامالسىز قالغاچقا، تەمىنلەش مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ كارخانا كۈندىلىك توخۇ سۇيۇش مىقدارىنى 10 مىڭدىن كۆپرەك كۆپەيتكەن.

ليۇ شىنبىڭ (سولدا) ئىشچىلارغا زاۋۇت رايونىنى دېزىنفىكسىيەلەش، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تاپىلىماقتا.

  بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇدا 20 نەچچە كۈن ليۇ شىنبىڭ خادىملار بىلەن كارخانىدا بىللە تاماق يەپ، بىللە قوندى، ھەر كۈنى سېخ، زاۋۇت ئۆيلىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ. توخۇ سويۇش مەيدانى، ئەسلىھە، ئاپتوموبىل قاتارلىقلارنى دېزىنفىكسىيەلەش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلدى، خادىملارنىڭ مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرى ۋە تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتلاردىكى تەكشۈرۈش خاتىرىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ سېتىشقا ئىلمىي، تەرتىپلىك تەشكىللىدى.

 ليۇ شىنبىڭ مۇنداق دېدى: بىر پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى يۇقۇمغا قارشى جەڭ مەيدانىغا ئايلاندۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە چاتاق چىقماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۇقرالارغا خاتىرجەم گۆش يېگۈزۈشۈم كېرەك.

  (سۈرەتلەرنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى