تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

يۇقۇم مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۇ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كەسىپلىرىنى ئۆيدىن چىقمايلا بېجىرگىلى بولىدۇ

    تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر ما بېي) «يۇقۇم مەزگىلىدە، ئۆيدە يان تېلېفوندىلا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كەسىپلىرىنى تەكشۈرۈپ، بېجىرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلىماپتىمەن، ناھايىتى قولايلىق بوپتۇ.» يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىدە سۇغۇرتىغا قاتناشقان ليۇ ۋېي يان تېلېفونىغا «新疆医保服务平台» (شىنجاڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمەت سۇپىسى) APPسىنى چۈشۈرۈپ، شەخسنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ئۇچۇرىنى ئۆزگەرتىشكە تىزىملىتىش كەسپىنى بېجىردى.

  8-ئاينىڭ 5-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئاممىنىڭ كەسىپ بېجىرىشىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، بۇ ئىدارە «يان تېلېفوندا بېجىرىش» «تېلېفون قىلىپ بېجىرىش» قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمەت كەسپلىرىنى «يۈز كۆرۈشمەي» بېجىرىشنى يولغا قويغان.

    ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىلىرى «新疆智慧人社»(شىنجاڭ ئاقىل ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت) APPسى ياكى «新疆医保服务平台»(شىنجاڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمەت سۇپىسى) APPسىنى چۈشۈرۈپ، تىزىملاتقاندىن كېيىن ئەسكەرتمە بويىچە ئالاقىدار ماتېرىياللىرىنى يوللىسا، «يان تېلېفوندا بېجىرىش» ئۇسۇلىدا باشقا جايدا داۋالىنىشنى ئەنگە ئالدۇرۇش، بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتىدا داۋالىنىشنى ئەنگە ئالدۇرۇش قاتارلىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كەسپلىرىنى بېجىرەلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، توردا شەخسىي ئۇچۇرى، سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ئۇچۇرى، ئىسچوت كىرىم-چىقىمى، باشقا جايدا كېسەل كۆرسىتىش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنى تەكشۈرۈش، كارتا بېجىرىشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، كارتا بېجىرىش تور نۇقتىلىرىنى تەكشۈرۈش، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل ئاپپاراتلىرىنى تەكشۈرۈش، بېجىرىش تەرتىپى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تەكشۈرەلەيدۇ.

    داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كەسپى، ئالاقىدار سىياسەت قاتارلىقلار توغرىسىدا مەسلىھەت سورىماقچى بولسا 4680625-0991، 4658524-0991، 4680662-0991 نۇمۇرلارغا تېلېفون قىلىپ سورىسا بولىدۇ، «تېلېفون بېرىپ بېجىرىش» ئۇسۇلىدا باشقا جايدا داۋالىنىشنى ئەنگە ئالدۇرۇش، بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتىدا داۋالىنىشنى ئەنگە ئالدۇرۇش قاتارلىق كەسىپلەرنى بېجىرسە بولىدۇ.

  «يۈز كۆرۈشمەي» ئىش بېجىرىش ئۇسۇلىدا بېجىرگىلى بولمايدىغان كەسىپلەرگە قارىتا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى «ئالدىن كېلىشىپ بېجىرىش»نى يولغا قويغان بولۇپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئامما تېلېفوندا ئالدىن كېلىشىپ مەسلىھەت سوراپ، مەخسۇس ئادەم بىلەن ئالاقىلىشىپ بېجىرسە بولىدۇ.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئامما باشقا جايدا داۋالىنىش خىراجىتىنى نەق پۇلدا ئاتچوت قىلىش كەسپىنى پوچتا ئارقىلىق بېجىرسە بولاتتى، مۇشۇ ئاساستا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى «پوچتىدىن ئەۋەتىپ بېجىرىش»نى كېڭەيتىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەش-قوبۇل قىلىشنى پوچتىدىن ئەۋەتىپ بېجىرىش مۇلازىمەت دائىرىسىگە كىرگۈزدى، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئامما مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسىگە پوچتىدىن ئەۋەتىپ، مۇناسىۋەتلىك كەسىپنى بېجىرسە بولىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى قىسمەن كەسىپلەرنى بېجىرىش ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئۇزارتقان، 2019-يىللىق داۋالىنىش خىراجىتى مۇلازىمەت كۆزنىكىدە ئاتچوت قىلىش مۇددىتىنى ئۇزارتقان بولۇپ، 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن ئاتچوت قىلدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن. چوڭ كېسەل، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل بويىچە ئىلتىماس قىلىش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئىشلىتىش قاتارلىقلارغا «يېشىل يول» ئېچىپ، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىش، جىددىي ئىشنى جىددىي بېجىرىش، ئالاھىدە كەسىپنى ئالدىن بېجىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. يۇقىرى قان بېسىم، دىيابىت قاتارلىق سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل ئاغرىقلىرىغا قارىتا، دىياگنوز قويۇپ داۋالىغان دوختۇرخانا دوختۇرلىرى باھالىغاندىن كېيىن، رېتسېپلىق دورىلارنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارىنى ئۈچ ئايغا ئۇزارتىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاغرىقلارنىڭ ئۇزاق مۇددەت دورا ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىپ، خەلققە ئەڭ زور دەرىجىدە قولايلىق ياراتقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ