تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

«يۇقۇم»غا قارشى جەڭدىكى ئەر-خوتۇن: توي خاتىرە كۈنىدە بىر-بىرىگە تېلېفوندا بەخت تىلىدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز كاڭ خاۋيەن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋۇ يەن خەۋىرى، فوتوسى): يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، بىر جۈپ «ئەر-خوتۇن شېرىك»لەر بار، خوتۇنى ۋاڭ شيۇجۈەن شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا كۆكرەك تاشقى بۆلۈمىنىڭ سېستراسى؛ ئېرى جاۋ چاۋ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتى شىشەن يولى ئوت ئۆچۈرۈش پونكىتىنىڭ يېتەكچىسى، 2-دەرىجىلىك قوماندان. 8-ئاينىڭ باشلىرىغىچە، ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلغىنىغا يېرىم ئاي بولۇپ قالدى، گەرچە يۈز كۆرۈشەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، بىرلىكتە يۇقۇمغا قارشى جەڭ قىلدى.

  توي خاتىرە كۈنىدە بىر-بىرىگە تېلېفوندا بەخت تىلىدى

  7-ئاينىڭ 16-كۈنى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ۋاڭ شيۇجۈەن ۋە جاۋ چاۋ دەرھال ئىش ئورنىغا يېتىپ باردى، ئەمما بىر نەچچە كۈندىن كېيىنلا ئۇلارنىڭ توي قىلغانلىقىنىڭ سەككىز يىللىق خاتىرە كۈنى ئىدى.

  «ھا... ئېغىزىڭىزنى ئېچىڭ، ياخشى، بەرداشلىق بېرىڭ، بولدى، ماسلاشقىنىڭىزغا رەھمەت، كېيىنكىسى.» توي قىلغان خاتىرە كۈنى تېمپېراتۇرا ℃34 بولۇپ، ۋاڭ شيۇجۈەن مەھەللىدە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈپ ئەۋرىشكە ئېلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتاتتى، كىيىۋالغان مۇداپىئە كىيىمى تەردىن ھۆل بولۇپ كەتكىلى خېلى بولغانىدى، ئەمما ئۇنىڭ دەم ئالغىلى چولىسى يوق ئىدى. «بۇ كۈنلەردە بىز جەمئىي 20 نەچچە تەكشۈرۈش نۇقتىسىغا باردۇق.» دېدى ۋاڭ شيۇجۈەن.

شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا كۆكرەك تاشقى بۆلۈمنىڭ سېستراسى ۋاڭ شيۇجۈەن مەھەللىدە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈپ، ئەۋرىشكە ئالماقتا.

  خىزمەتكە چىققان 14 يىلدىن بۇيان، بىر سېسترادىن باش پەرۋىشكارغىچە، ۋاڭ شيۇجۈەن ئىزچىل كىلىنىكا خىزمىتىنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىپ كەلدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى باشلانغاندىن كېيىن، ئۇ بىرىنچى سەپكە بېرىپ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈپ، ئەۋرىشكە ئېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلدى.

  چۈشلۈك دەم ئېلىشتا، ۋاڭ شيۇجۈەن دەم ئېلىش رايونىدا قاچىلىق تاماقنى ھاپىلا-شاپىلا يەپ، بىر بوتولكا مىنېرال سۇ ئىچىپلا بولدى قىلدى. «دەم ئېلىش ۋاقتىدا، خۇشال ھالدا سۇ ئىچىشمۇ ئادەمنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىكەن.» دېدى ئۇ.

ۋاڭ شيۇجۈەن خىزمەتدىشى بىلەن مەھەللىدە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈپ، ئەۋرىشكە ئالماقتا.

  «يۇقۇم ئالدىدا، بىزنىڭ ئائىلىنىڭ ئىشى كىچىك ئىش، ئاغرىقلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئەڭ مۇھىم. يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلغاندا بىز قايتا تەبرىكلەيمىز.» توي خاتىرە كۈنى ھەققىدە گەپ بولغاندا، ۋاڭ شيۇجۈەن كۈلۈپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى. ئۇ ۋە جاۋ چاۋ خىزمەت ئورنىدا بولۇپ، خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىشمىغان بىلەن ئىككىيلەن ئۆز ئىچىدە بىلىشەتتى، ئەھۋال سوراش ۋە كۆڭۈل بۆلۈش ۋېيشىن ئارقىلىق بولاتتى. كەچ سائەت 12 بولغاندىلا ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن بىر قېتىم تېلېفونلاشتى. «خوتۇن، جاپا چەكتىڭىز، تېزرەك ئۇخلاڭ.» «ماقۇل، سىزمۇ شۇ، توي خاتىرە كۈنىمىزگە مۇبارەك بولسۇن.» مانا مۇشۇنداق، ئىككىيلەن توي قىلغانلىقىنىڭ سەككىز يىللىق خاتىرە كۈنىدە تېلېفوندا بەخت تىلەشتى.

  ئۇلار نۇرغۇن يۇقۇمغا قارشى قەھرىمانلارنىڭ ئىخچام ئوبرازى

  بىرىنچى سەپتە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈپ، ئەۋرىشكە ئېلىش خىزمىتى مەزگىلىدە، ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت سەككىزدە يولغا چىقىپ، كەچ سائەت سەككىزدە دوختۇرخانىغا قايتىدۇ، پىژغىرىم ئىسسىق ياز پەسلىدە، شامال ئۆتمەيدىغان مۇداپىئە كىيىمىنى كىيىپ، بىر كۈندە 12 سائەتتە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 400 نەچچە كىشىدىن ئەۋرىشكە ئالىدۇ، ۋاڭ شيۇجۈەن بارلىق ئەترەت ئەزالىرىغا ئوخشاش، قارا تەرگە چۆمگەن ھالدا ھەرقايسى ئىدارە ۋە ئولتۇراق رايونلاردا چېپىپ يۈرىدۇ، بەش-ئالتە كۈندىن بۇيان، ئۇنىڭ كۆزلىرى ئىششىپ كەتتى، پۇتىمۇ ئىششىپ كەتتى.

  بىر كۈنى، قاتتىق ئىسسىقتا ۋاڭ شيۇجۈەن سۇسىزلىنىپ ئايلىنىپ چۈشكىلى تاس قالدى، بۆلۈمنىڭ سېسترالار باشلىقى ئۇنى ئالماشتۇرماقچى بولدى، ئەمما ئۇ قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «يۇقۇم يېتىپ كەلگەندە، بىز دوختۇر-سېسترالار ئەڭ ئاخىرقى مۇداپىئە سېپى. بۇ يەر يەنىلا ماڭا موھتاج.»

جاۋ چاۋ ئازراق دەم ئالغاندا ئۆيىدىكىلەر بىلەن سىنلىق كۆرۈشتى.

  يەنە بىر تەرەپتىكى جاۋ چاۋ ھەر كۈنى پەقەت ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ۋاقىت چىقىرىپ ئاتا-ئانىسى، بالىسىغا تېلېفون قىلدى، ئازراق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىپ ئۆيىگە ئاپىرىپ بېرىشنى خىزمەتدىشىغا ھاۋالە قىلدى. پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جاۋ چاۋ ئۆزىنىڭ چوقۇم ئالدىدا تۇرۇپ، ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگە تىكلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. بىر قوماندان بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ يەنە سەپداشلىرىنى باشلاپ ئوت ئۆچۈرۈش، خەتەردىن قۇتقۇزۇشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى