تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن): 8-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 17:00دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا ئۆتكۈزگەن 20-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شاڭ يۈلەن ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىنى يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئولتۇراق رايوندا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ قانداق ئىشلەنگەنلىكىنى بەش جەھەتتىن تونۇشتۇردى.
شاڭ يۈلەن مۇنداق دېدى: «ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش مەنبەسىنى توسۇش، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش ئۈچۈن، پۈتۈن شەھەردىكى كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ چۈشىنىشى ۋە ماسلىشىشى ئارقىسىدا، بىز بارلىق ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلىرىنى يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش بىلەن بىللە، ئولتۇراق رايون ئىچىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئاھالىلەرگە ساغلام، بىخەتەر تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بەردۇق».
بىرىنچىدىن، ئولتۇراق رايونغا كىرىپ-چىقىشتا يۇقۇم مۇداپىئەسى قاتتىق ياخشى ئىشلەندى. ھەربىر ئولتۇراق رايوندا پىرىنسىپ جەھەتتىن پەقەت بىرلا كىرىش-چىقىش ئېغىزى ساقلاپ قېلىندى، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ۋە ئالاھىدە ئەھۋالنى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقا خادىملارنىڭ بىردەك كىرىپ-چىقىشىغا يول قويۇلمىدى. ئولتۇراق رايونغا مال يەتكۈزۈپ بېرىدىغان دورا دۇكىنى، كۆكتات دۇكىنى، ماگىزىن، تاللا بازىرى، كۇەيدى، ۋەيمەي قاتارلىق خادىملارغا قارىتا ئۇچراشماي يەتكۈزۈپ بېرىش يولغا قويۇلۇپ، بۇيۇملار ئولتۇراق رايون دەرۋازىسى ئالدىغا يەتكۈزۈلدى، كۇەيدىنىڭ سىرتقى ئورالمىسى دېزىنفېكسىيە قىلىنىپ، خادىملار ۋاكالىتەن تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئاھالىلەرگە تاپشۇرۇپ بەردى. تېمپېراتۇرىنى ئۆلچەپ تىزىملاش تۈزۈمى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئولتۇراق رايوننىڭ كىرىش ئېغىزىدا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش نۇقتىسى تەسىس قىلىنىپ، بارلىق كىرىپ-چىققانلار بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆلچىتىپ، نورمالسىزلىق كۆرۈلمىسە يۈرۈشكە ئىجازەت بېرىلدى.
ئىككىنچىدىن، ئاھالىلەرنىڭ ساغلاملىقىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش كۈچەيتىلدى. ئاھالىلەرنىڭ ھەر كۈنى ئەتىگەن، چۈش، كەچتىكى بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۈچ قېتىم ئۆلچەپ تىزىملىنىپ، قىزىش، قۇرۇق يۆتىلىش، يۇتقۇنچاق ئاغرىش، ئىچ سۈرۈش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بايقالغانلار دەرھال مەھەللىگە مەلۇم قىلىنىپ، بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە بىر تەرەپ قىلىندى. ئائىلىدە ئايرىۋېتىلگەنلەر ئايرىم ئۆيدە تۇرۇپ، ئايرىم غىزالىنىش، ئائىلىسىدىكى بارلىق ئەزالار ماسكا تاقاپ، كۈندىلىك ھاۋا ئالماشتۇرۇش، تازىلىق ئىشلىرىنى ياخشى ئىشلەشكە دەۋەت قىلىندى.
ئۈچىنچى، مۇھىتنى دېزىنفېكسىيە قىلىش ۋە ئەخلەت توشۇش خىزمىتى ياخشى ئىشلەندى. ئولتۇراق رايون دەنيۈەنىنىڭ ئىشىك تۇتقۇچى، كارىدوردىكى تۇتقۇچ، لىفىت، لىفىت كونۇپكىسى، ئەخلەت يىغىپ ساقلاش ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلار ھەر كۈنى ئاز دېگەندە بىر قېتىم تازىلاپ دېزىنفېكسىيە قىلىندى. ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئائىلىدە ئايرىۋېتىلگەنلەر بار ئولتۇراق رايونلار كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تارماقلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە بىر قېتىم تەلتۆكۈس دېزىنفېكسىيە قىلىنىپ، ھەر كۈنى ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم تازىلاپ دېزىنفېكسىيە قىلىندى. ئاھالىلەر ئائىلىدە ئەۋرەز يولىنى دېزىنفېكسىيە قىلىشنى دائىملىق قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلەندى. ئاھالىلەر تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى ئۆزلىرى خالتىغا قاچىلاپ، خىزمەتچىلەر ھەر كۈنى قەرەللىك ئىشىك ئالدىغا بېرىپ يىغىۋالدى. ئائىلىدە ئايرىۋېتىلگەنلەرنىڭ ئائىلىسىدىكى تۇرمۇش ئەخلىتىنى خىزمەتچىلەر ئايرىم يىغىپ، ئايرىم توشۇدى ھەمدە داۋالاش ئەخلىتى ئۆلچىمى بويىچە ئايرىم بىر تەرەپ قىلدى. تاشلاندۇق خىزمەت قالپىقى، ماسكا، بىر قېتىملىق پەلەي، ئايرىش كىيىمى قاتارلىق داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ئەخلەتلەر بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىندى.
تۆتىنچىدىن، خىزمەتچى خادىملار مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلىدى. ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇن بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، ماسكا تاقاش قاتارلىق تەلەپلەر قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاھالىلەر بىلەن ئۇچرىشىدىغان خىزمەتچى خادىملار، ئولتۇراق رايونغا كىرىپ ـ چىقىش ئېغىزىدىكى دىجورنى خادىملار ماسكا تاقاپ، ئايرىش كىيىمى كىيدى، ئائىلىدىكى ئايرىش خادىملىرى بىلەن ئۇچراشقاندا بىر قېتىملىق خىزمەت قالپىقى، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تاشقى كېسەللىكلەر ماسكىسى، بىر قېتىملىق پەلەي، ئايرىش كىيىمى كىيدى ھەمدە بىر مېتىردىن ئارتۇق بىخەتەر ئارىلىق ساقلىدى.
بەشىنچىدىن، تەشۋىقات ئارقىلىق يېتەكلەش كۈچەيتىلدى. قىسقا ئۇچۇر، ۋىيشىن قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىياسەتلىرى ۋە بىلىملىرى داۋاملىق تەشۋىق قىلىندى. تۈرلۈك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى، توردا پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇلۇپ، ئاھالىلەر كەيپىياتنى تەڭشەشكە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىشقا يېتەكلەندى.