تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى شەھىرى نۇقتىلىق رايون ۋە نۇقتىلىق كىشىلەر توپى، يۇقۇملىنىش خەۋپى يۇقىرى ئاسان يۇقۇملىنىدىغان كىشىلەر توپىغا قارىتا يېڭى بىر نۆۋەتلىك نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لى چۇنشيا، جاۋ چۇنخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى رۇي باۋلىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرى نۇقتىلىق رايون ۋە نۇقتىلىق كىشىلەر توپى، يۇقىملىنىش خەۋپى يۇقىرى ئاسان يۇقۇملىنىدىغان كىشىلەر توپىغا قارىتا يېڭى بىر نۆۋەتلىك نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ يۇقۇشچانلىقى كۈچلۈك، تارقىلىشى تېز، يوشۇرۇن مەزگىلى ئۇزاق. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تەن ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى، گۇمانىي ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار كۆرۈلگەن مەھەللە، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى، مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق رايون ۋە نۇقتىلىق كىشىلەر توپى، يۇقۇملىنىش خەۋپى يۇقىرى ئاسان يۇقۇملىنىدىغان كىشىلەر توپىغا قارىتا يېڭى بىر نۆۋەتلىك نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى. 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىساللىرىنىڭ ھەممىسى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىلغاپ چىقىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسى مەھەللىدە ئىلغاپ چىقىلغان، 20سى مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتقانلار.

رۇي باۋلىڭ مۇنداق دېدى: گەرچە يېڭىدىن كۆپەيگەن ئاغرىق مىسالى سانىدا ئازىيىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى يەنىلا ئىنتايىن كەسكىن، قىلچە بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى داۋاملىق چۈشىنىپ، قوللاپ، ئۇنىڭغا ماسلىشىپ، ئورتاق تىرىشىپ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى سائەت نۆلدىن سائەت 24كىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە دوكلات قىلىنغان يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 22، يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 13 بولۇپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى داۋاملىق ئازايدى؛ 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى سائەت 24كىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھازىر بار بولغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 614، ھازىر بار بولغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 120. 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى سائەت نۆلدىن 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى سائەت 24كىچە، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى جەمئىي 52 بولۇپ، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن 42 يۇقۇملانغۇچىنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى