تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى - سانجى تاموژنىسى سەككىز تۈرلۈك تەدبىر چىقىرىپ جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يىغىلىش مەركىزىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىدى

ئۈرۈمچى - سانجى تاموژنىسى سەككىز تۈرلۈك تەدبىر چىقىرىپ

جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يىغىلىش مەركىزىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا ئۈرۈمچى - سانجى تاموژنىسى ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يىغىلىش مەركىزىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان سەككىز تۈرلۈك تەدبىر چىقىرىپ، يۇقۇم مەزگىلىدە خەلقئارا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان.

بۇ سەككىز تۈرلۈك تەدبىر مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تاموژنىدىن تېز ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇش، مەلۇم قىلىش تەننەرخىنى ئازايتىش، ئىمپورت - ئېكسپورت ماللىرىنى تەكشۈرۈشنى ئەلالاشتۇرۇش، يىغىلىش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى قوللاش، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى تۈگۈن پورتى قۇرۇلۇشىنى قوللاش، يىغىلىش مەركىزىنىڭ كەسىپ دائىرىسىنى كېڭەيتىشىنى قوللاش، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سودىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىش قاتارلىقلار.

7 - ئايدىن بۇيان، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا، ئۈرۈمچى - سانجى تاموژنىسى ئالاقىدار تەدبىرلەرنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يىغىلىش مەركىزىدىكى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ توشۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

«بىز يەككە كۆزنەك ۋە ئالاقە تورى + تاموژنا سۇپىسىغا تايىنىپ، <يۈز كۆرۈشمەي> كەسىپنىڭ پۈتۈن جەريانىنى توردا تېز بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى تاموژنىدىن ئۆتۈش مەخسۇس كۆزنىكى تەسىس قىلىپ، <سائەت 24×7> ئالدىن كېلىشىپ تاموژنىدىن ئۆتۈشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېشىل يول ئېچىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، نۆۋەتچى پويىز كەلگەن ھامان دەرھال تەكشۈرۈش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇق» دېدى ئۈرۈمچى - سانجى تاموژنىسى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش 1 - بۆلۈمىنىڭ 4 - دەرىجىلىك مەسئۇلى زوۋ جياڭ.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا، ئۈرۈمچى - سانجى تاموژنىسى نازارەت قىلىپ باشقۇرغان چېگرادىن كىرىپ چىققان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى جەمئىي 117، يۈك توشۇش مىقدارى 116 مىڭ 900 توننا، سودا سوممىسى 547 مىليون دوللار بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %7.34، %20.75، %11.3 ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى