تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىرىنچى سەپتىكى يۇقۇم مۇداپىئە خادىملىرىغا كۆڭۈل بۆلۈندى، كۆيۈنۈلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لى چۇنشيا، جاۋ چۇنخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شاڭ يۈلەن مۇنداق تونۇشتۇردى: ئۈرۈمچى شەھىرى بىرىنچى سەپتىكى يۇقۇم مۇداپىئە خادىملىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىرىنچى سەپتىكى يۇقۇم مۇداپىئە خادىملىرىغا ۋاقىتلىق خىزمەت ياردەم پۇلى بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغانلارنى ۋاقتىدا ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىدۇ.

ئارقا سەپ كاپالىتى جەھەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرى بىرىنچى سەپتىكى يۇقۇم مۇداپىئە خادىملىرىنىڭ ئىچىدىغان سۇ، غىزالىنىش، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش، پاشىدىن ساقلىنىش، ئاپتوموبىللارنىڭ قاتنىشى، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش، مۇداپىئەلىنىش قاتارلىق ئىشلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ماددىي ئەشيالارنى تەڭشەپ تەقسىملەش، تەمىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، بىرىنچى سەپتىكى يۇقۇم مۇداپىئە خادىملىرىنىڭ ئېھتىياجىنى ئالدىن قاندۇردى؛ بىرىنچى سەپتىكى ئايال يۇقۇم مۇداپىئە خادىملىرىنىڭ ئالاھىدە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تولۇق ئويلاشتى ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلدى. ياتاقلارنى تەڭشەپ تەقسىملەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىرىنچى سەپتىكى يۇقۇم مۇداپىئە خادىملىرىنىڭ خىزمەتتىن كېيىن ياتاققا قايتىپ كېلىپ تەڭشەپ ئارام ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بەدەن قۇۋۋىتى، زېھنىنى ۋاقتىدا ئەسلىگە كەلتۈردى.

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار بىرىنچى سەپتىكى يۇقۇم مۇداپىئە خادىملىرى بىلەن بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، پىكىر - تەكلىپلەرنى ئاڭلاپ، كونكرېت قىيىنچىلىقلارنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، سالامەتلىك ئەھۋالى بىرىنچى سەپتە خىزمەت قىلىشقا ماس كەلمەيدىغان يۇقۇم مۇداپىئە خادىملىرىنى ۋاقتىدا نۆۋەتلەشتۈرۈپ ئالماشتۇرۇپ، ئۇزاق ۋاقىت نورمىدىن ئارتۇق خىزمەت قىلغان بىرىنچى سەپتىكى يۇقۇم مۇداپىئە خادىملىرىنى مەجبۇرىي دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوخشاشلا يۇقۇم مۇداپىئە بىرىنچى سېپىدە ئىشلەۋاتقان ئەر - خوتۇن ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمىتىنى تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇردى.

ئۈرۈمچى شەھىرى شەھەر، رايون ئىككى دەرىجىلىك ئورگانلاردىكى پارتىيەلىك كادىرلارنى مەھەللىلەرگە تاللاپ ئەۋەتىپ، يۇقۇم مۇداپىئە بىرىنچى سېپىدىكى خادىملارنىڭ خىزمەت بېسىمىنى يېنىكلەتتى. پىدائىيلار ياكى مەخسۇس خادىملارنى قىيىنچىلىقى بار بىرىنچى سەپتىكى يۇقۇم مۇداپىئە خادىملىرىنىڭ ئائىلىسىدىكى ياشانغانلار، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش قاتارلىق ياردەم بىلەن تەمىنلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگەتتى.

ئۈرۈمچى شەھىرى توغرا يۆنىلىشكە رىغبەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەڭگە بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، چاقىرىققا بويسۇنغان، مۇھىم پەيتتە، ئاچقۇچلۇق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئېغىر يۈكنى زىممىگە ئېلىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا خىزمەت قىلغان يۇقۇم مۇداپىئە بىرىنچى سېپىدىكى مۇنەۋۋەر كادىرلارنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ، ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغانلارنى ۋاقتىدا ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى